542w
فېردەۋسە
(Hi No. 3566641)
سۈرە يۇسۇپنىڭ پەزىلىتى ئائىلە ۋە ئىجتمائى ئالاقە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر جاسىم مۇتەۋۋەئ مۇنداق دەيدۇ: قاچانكى، كۆڭلى پەرىشان غەمكىن كىشىنى كۆرسەم، ئۇنىڭ كۆڭۇلسىزلىكى، ئائىلە ھۆزۇرسىزلىقى، مال مۈلكىدىن زىيان تارتقان ياكى كىسەل ئازابى تارتىۋاتقان، جەمئىيەتتە ھەقسىزلىك سەۋەبلىك يېتىم قالدۇرۇلغان قاتارلىق ئىشلارغا دۇچار بولغان بولسا، ئۇنىڭغا سۈرە يۇسۇپنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بۇ سۈرىنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: دىن تارقىتىش يولىدا ئارقا تىرەك بولۋاتقان ئەڭ كۈچلۇك قوللۇغۇچىلىرىدىن بولغان مىھرىبان تاغىسى ئەبۇتالىب بىلەن، ئوزنىڭ ھاياتىنى بارلىق مال دۇنياسىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋەدىنىگە پىدا قىلغان، دىننىڭ تارقىلىشى ئۇچۇن زور توھپىلەرنى قوشقان سۆيۈملۇك ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋاپات بولغان قايغۇلىق يىلدا نازىل قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقىتىم بۇ سۈرىنى ئوقىغاندا غەم -قايغۇلىرى يوقاپ كۆڭلى راھەتلىنىپ قالاتتى. بۇ سۈرىدە يۇسۇپ ئەلەيھىسسالام كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىپ شۇ قىيىنچىلىقلاردىن غەلبە قىلغانلىقى تەسۋەرلەنگەندىن سىرت، سىياسى مەسىلە، ئىقتسادى قىيىنچىلىق، پەرزەنت تەربىيسى، ئاياللار مەسىلىلىرى ۋە ئىلان تەشۋىقات مەسىلىلىرى، زۇلۇم ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئاسىيلىق ۋە خىيانەت مەسىلىلىرى، غەم-قايغۇ مەسىلىلىرى، ۋە سەبىرنىڭ مېۋىلىرى، ئىماننىڭ ھالاۋەتلىرى، مۇشكۇللەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، نۇسرەت ۋە خۇشاللىقنىڭ مېۋىلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئىنسان ھاياتتا يولۇقىدىغان ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىك ۋە غەم قايغۇ بۇ سۈرىدە تىپىلىدۇ. غەم -قايغۇ چىرمىۋالغان راھەتسىز بولغان كىشىگە كۇنىگە ئىككى قىتىم ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئىشىنمەنكى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، بىر نەچچە كۇن ئىچىدە ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش بولغىننى ھېس قىلىدۇ. « ئەمىيرە تەمكىنى»
1 like