Avatar
569w
فېردەۋسە (Hi No. 3566641)
قارغۇلارچە يوللىماڭ

قارغۇلارچە يوللىماڭ، تورغا ھەر خىل مەزمۇننى.
ئىلغاڭ ياخشى ياماننى، بۇلبۇل بىلەن قوزغۇننى. ھەر بىر قىلغان گەپ سۆزنىڭ سۇرىقى بار ئاخىرى،
مەيلىڭىزچە سۆزلىمەڭ «دىين»ئىشىدا سورغىننى.

بەزى دوسلار چۈشەنمەي، كۆرگەننىلا قوللايدۇ.
راست يالغىننى ئايرىماي، باشقىلارغا يوللايدۇ.
دىينغا دائىر گەپ سۆزنى، تەكشۈرمەستىن ئەسلىنى،
ئۈزىنى ھەم ئۆزگىنى، كۆپ ئىشلاردا گوللايدۇ.

ئىسلامدىكى ھەر بىر سۆز، مۇسۇلمانغا ئامانەت.
مۇئمىن بولساق قىلمايلى، ئامانەتكە خىيانەت.
ئۇچۇق دەلىل بولمىسا، قۇرئاندىن يا ھەدىستىن،
قوللىمايلى ئۇ گەپنى، سۇرىقى بار-قىيامەت.
Tweet
1 like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms