545w
فېردەۋسە
(Hi No. 3566641)
※اليَوْمَ نَخْتِمُ عَلى أَفْوَاهِهٍمْ وَتُكَلِّمُنَا أيْدِيْهِمْ وَتَشْهَدُ أرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ ※ شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋىتىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى) قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. (يەنى ھەربىر ئەزا دۇنيادىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ.) سۈرە ياسىن 65- ئايەت. ئى ئۇلۇغ رەببىم ئېغىزلىرىمىز پېچەتلىنىپ باشقا ئەزالىرىمىز بىزنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىمىز ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان شۇ كۈندە ساڭا بېرىدىغان ھىساپلىرىمىزنى ئاسان قىلغايسەن، بۇ دۇنيادا بارلىق ئەزالىرىمىزنى بىز ھەققىدە ياخشى گۇۋاھ بولىدىغان ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل قىلىشقا نىسىپ قىلغايسەن، سەن قەلىبلەردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن، شۇنداقلا ئاشۇ قەلىبلەرنى ئۆزۈڭ خالىغان تەرەپكە مايىل قىلغۇچىسەن. قەلىبلىرىمىزنى ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ئەمەللەر بار تەرەپكە مايىل قىلغايسەن، ئۆزۈڭ تەرەپكە ھىدايەت قىلغايسەن. ئامىن !!!
1 like