550w
فېردەۋسە
(Hi No. 3566641)
باشقىلار سېنى ئاچچىق زەھەر بىلگەن بولسا سەن تاتلىق ھەسەلدەك بولۇپ ياشا، ھەقىقەتنى بىلگەندە ئۇلار لەۋلىرىنى يالاپ ئاغزىنى ئېچىپ قالسۇن! ھەممە ئادەم ساڭا راسچىل بولۇشقا قەرز ئەمەس،بەزىلەرنى كۆزۈڭدە كۆرۈپ قويساڭ ، بەزىلەرنى يۈرۈگۈڭدە بىلىپ قويساڭ بولىدۇ….. ئالدىرىما چەينەك قاينىسا ئۆزىگە تاشىدۇ…...
ياخشى ئادەم بول ، ئەمما ئۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلـمـــــــا ....
گۇزەل بىر قەلبىڭ بولسۇن...شۇندىلا گۇزەل دۇنيانى كۇرەلەيسەن.
خوشال ياشاشنىڭ بىر سەۋەبى ، ھېچقانداق ئادەمدىن ئۈمۈد كۈتمەسلىك. چۈنكى ئۈمۈد قانچە چوڭ بولسا ئۈمۈدسىزلىكمۇ شۇنچە زور بولىدۇ . ئۈمۈتنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھتىن كۈتۈڭ.
ئاگاھ بۇلۇڭ! بىز دۇنياغا سوتچى سۈپىتىدە ئەمەس،بەلكى جاۋاپكار سۈپىتىدە كەلدۇق. باشقىلار ھەققىدە ئاز گەپ قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىسمەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنايلى!
گۈل چىرايلىق جاينى تاللاپ ئۆسمەيدۇ, بىراق گۈل ئۆسكەن جاي چىرايلىقلىشىدۇ، بىز ھەممىمىز بىر گۈل ,قەيەردە ئۆسۈشىمىز مۇھىم ئەمەس , مۇھىمى ئۆسكەن جايىمىزنى چىرايلىق قىلىشىمىز !!!!!
جاھاندا بەش گۆھەرنىڭ بەش دۈشمىنى بار.ئەقىلنىڭ دۈشمىنى ئاچچىق.ئىبادەتنىڭ دۈشمىنى غەيۋەتخورلۇق. ئىماننىڭ دۈشمىنى ھەسەتخورلۇق. ئابروينىڭ دۈشمىنى تاماخورلۇق.ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى قانائەتلىنىش .