540w
معتصم بالله
(Hi No. 2858588)
1901. سوئال: تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى نېمە ئۈچۈن تەۋرەنمەس ئىلمىي ھەقىقەت سۈپىتىدە تارقالغان؟: جاۋاب: ئومۇميۈزلۈك ياۋروپا خەلقى ئېتىقاد قىلىدىغان خرىستىئان دىنى دىن ئادەملىرى (پوپلار) تەرىپىدىن بورمىلىنىپ، مۇقەددەس كىتابلاردىكى (تەۋرات ۋە ئىنجىللاردىكى) ئىلاھىي تېكىستلەرگە ئارىستوتىل قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى پەيلاسوپلارنىڭ نەزىرىيىلىرى ئىلاھىي تېكىست سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا پوپلار ئوتتۇرىغا قويغان شەخسىي قاراشلارمۇ ئىلاھىي تېكىست تۈسىنى ئالغان ئىدى. ياۋروپادا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەۋرات ۋە ئىنجىللاردىكى كائىنات ۋە جانلىقلارنىڭ يارىتىلىشى توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلىماتلارنىڭ ئىلىم-پەن ئالىملىرى كەشىپ قىلغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر بىلەن زىت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن ئالىملىرى بىلەن چېركاۋلار ئوتتۇرىسىدا تارىختىكى مەشھۇر توقۇنۇش يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى چېركاۋ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ھەتتا بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى. بىراق، ئاخىرقى غەلىبە ئىلىم-پەن ئالىملىرىغا مەنسۇب بولدى. شۇنداق قىلىپ ياۋروپادا «دىن ئىلىم-پەنگە قارشى» دەيدىغان ئۇقۇم ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندى. شۇنداقلا، ئىلىم-پەن ئالىملىرىمۇ چېركاۋلار بىلەن بولغان توقۇنۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ غەلىبىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن دىننىڭ تەلىماتلىرىغا زەربە بېرىدىغان ھەر قانداق بىر قاراشنى –ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ياكى ئىلمىي ئەمەسلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماستىنلا- قوبۇل قىلىپ، ئۇنى چېركاۋلارغا زەربە بېرىشتە ئۆزلىرى ئۈچۈن قورال قىلىدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەندى. ئىلىم-پەن ئالىملىرى (يەنى پاۋروپا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى) چېركاۋلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، فرانسىيىدە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى بىلەن سانائەت ئىنقىلابىمۇ غەلىبىگە ئېرىشكەن، كىشىلەر ئارىسىدا«دىن- ئىلىم-پەن بىلەن زىتلىشىدۇ» دېگەن قاراش كۆككە كۆتۈرۈلگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە، دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چېركاۋنىڭ«ئىنسان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن تۈرەلگەن» دېگەن تەلىماتىغا قاتتىق زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزىرىيە ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ خرىستىئان چېركاۋلىرىغا زەربە بېرىشتە زور كۈچكە ئىگە قورالىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن ئىلىم-پەن ئالىملىرى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى خۇددى تەۋرەنمەس ئىلمىي ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق بىر تەنقىدنى -گەرچە ئىلمىي تەنقىد بولسىمۇ- دىنىي غەرەز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دەپ قاراپ قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى. مانا شۇنىڭدىن بىرى بۇ نەزىرىيە ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا بەزىلىرى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، ئەينى ۋاقىتلاردا، قېزىۋېلىنغان ئىسكىلىتلارغا ئوخشىغان بەزى پاكىتلارنى ساختىلاشتۇرۇشتىنمۇ ئەيمەنمىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقى بۇ نەزىرىيىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى «سېر ئارتېر» ئېيتقاندەك، بۇ نەزىرىيىنى رەت قىلىش دېگەنلىك ئىلىم-پەن ئالىملىرىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىگە ئايلانغان خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ تەلىماتلىرىغا ئىشنىش ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇش دېگەنلىكتىن دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم-پەن ئالىملىرى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ ھاكىممۇتلەق چېركاۋلىرىغا باش ئېگىشتىن كۆرە دارۋىن نەزىرىيىسىنى -گەرچە ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ- قوبۇل قىلىشنى ئەۋزەل كۆرگەن ئىدى. بىراق ئىلىم-پەن ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان چېركاۋلار ھاكىمىيىتىنى مەغلۇب قىلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مانا ئەمدى، چېركاۋلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغان دارۋىن نەزىرىيىسىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ نوقۇل نەزىرىيە ئىكەنلىكىنى، ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغانسېرى، خۇسۇسەن فىزىكا ۋە بىئولوگىيە ئىلىملىرىدا زور ئىلگىرىلەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ نەزىرىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا تايانمىغان قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئىلمىي مۆجىزە ژۇرنىلى»2010-يىلى 5-ئايلىق سانىدا، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە، 1999-يىلى 11- ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كانساس ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى دەرسلىك پروگراممىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش قارارىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا (Tennesee) ۋە (Louisiana) ۋىلايەتلىرىدىكى مائارىپ ئىدارىلىرىمۇ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى دەرسلىكلەردىن چىقىرىپ تاشلىغاننىڭ سىرتىدا، بۇ نەزىرىيىگە تەشەببۇس قىلىدىغان ھەر قانداق ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن چىقىرىشى قارارىنى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا، (Washingtonj) ۋە (Ohaio) ۋىلايەتلىرىدىكى مائارىپ ئىدارىلىرىمۇ(people & Pandas) ناملىق كىتابنى دەرسلىك پروگراممىسىغا كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ كىتاب ھەر بىر بېتىدە تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىگە قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن ۋە دارۋىنىزم ئىدىيىسىنى تۈپىدىن يىمىرىپ تاشلايدىغان كىتاب ئىدى. ستۋگولد1999-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى
1 like