553w
ئالىمجاھان
(Hi No. 3682961)
ھەدىس:رامزان روزىسىنى تۇتمىغانلار توغرىسىدا ئەبى ئۇمامە ئىبنى باھىلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «مەن ئۇخلاۋاتسام، چۈشۈمدە ئىككى كىشى كېلىپ مىنىڭ بىلىكىمدىن تۇتۇپ مىنى قورقۇنۇچلۇق بىر تاغنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ ماڭا تاققا چىققىن دېدى، مەن: چىقالمايمەن دېسەم، ئۇلار بىز ساڭا ياردەم بىرىمىز دېدى، مەن تاققا يامىشىپ چىقىپ تۈزلەڭلىككە يەتكەندە قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، ئۇلاردىن بۇ نېمە ئاۋاز؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ نالە-پەريادى دېدى، ئۇنىڭدىن كىيىن مىنى تاغ يولىدا كىكىرتەكلىرىدىن ئېسىلىپ قويۇلغان، جاۋغايلىرى يىرتىلغان، ئېغىزلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى، ئۇلار كىم؟ دەپ سورىسام، ئۇلار رامزاندا روزا تۇتۇپ ۋاقىتتىن بۇرۇن ئىپتار قىلغۇچىلار دەپ جاۋاپ بەردى.» [ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان] مەنبە:ئۈندىدار سۇپىسى كۈندە بىر ھەدىس(kunda_bir_hadis)