548w
Zubayr
(Hi No. 3426902)
سىز بخارامان ھالدا زوھورلوق يەۋەتقاندا.. ئالى مەكتەپنىڭ مەلۇم ياتىقىدا بىر ئوقوغوچى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا يىمەي تىقىپ قويغان گۈرۈچ تامىقىنى. توكنى ياندۇرماي تىلفۇننىڭ غۇۋا يورىقىدا يەۋاتىدو. گۈرۈچ تاماق خىلى ۋاقىت تۇرغاچقا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان. لىكىن ئوقوغوچىنى غايىبانە كۈچ يەنى ئىمان بۇ ئىبادەتكە ئۈندەۋاتىدو. ئۇ توققوز سائەت ئۈگىنىش قىلىدو.مەكتەپتىن تەكشۈردۇ. شۇڭا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن بىر بۇتۇلكا سۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىيدو. ئۇ دۇئا قىلدو: ئى اللە ماڭا ئاسانلىق بەر. سز خاتىرجەم روزا تۇتۇۋاتقاندا دوختۇرخانىنىڭ مەلۇم ياتىقىدا بىر قىرىندىشىڭىز ھەجەپمۇ تۇتالمىدىم دەپ زارلانماقتا. ئۇ دۇئا قىلدو: ئى اللەماڭا ئاسانلىق بەر! سز ئونيەتتە سائەت قاچان توشا دەپ تۇرغىنىڭىزدا ياۋروپانىڭ شىمال بۇرجىكىدىكى قىرىندىشىڭىز يىگىرمە ئىككى سائەت توشتى ان شاءالله بىر سائەت قالدى دەپ ئىفتارنى كۈتمەكتە. ئۇ ئىفتار بىلەن زوھورلوقنى بىر قىلىدو. ئۇ دۇئا قىلىدو : ئى اللە ماڭا ئاسانلىق بەر! سز مول تائام بىلەن قورساق تويغۇزۋاتقاندا ئافرىقىنىڭ مەلۇم نامرات دۆلىتىدە بىر قىرىندىشىڭىز ئائىلىسىدىكى نەچچە جان بىلەن پەقەت بىر قاچىدىكى ئازغىنە ئوماچتىنمۇ سۇيۇق تاماقنى بىر يۇتۇمدىن ئىچىپلا زوھورلوقنى تامام قىلماقتا . ئۇ دۇئا قىلىدو: ئى اللە ماڭا ئاسانلىق بەر ! سز دىڭىز قىرغىقىدا سالقنداش ئۈچۈن سۇ چۆمۈلۋاتقاندا سەھرايى كەبىردىكى بىر قىرىندىشىڭىز كۈن تىك چۈشىدىغان بەكمۇ ئىسسىق ھەم سۇسز يەردە پادىلىرنى باققاچ روزا ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا . ئۇ دۇئا قىلىدو: ئى اللە ماڭا ئاسانلىق بەر! دۇنيا مۇشۇنداق رەڭمۇ رەڭ. تىلىمەكتىن باشقا چارە يوق دۇئا قىلايلى! ئى اللە ئاسانلىق بەر. ئى اللە ئاسانلىق بەر. دۇئايىمىزدا ئاسانلىق تىلەش كەم قالمىسۇن
1 like