Avatar
574w
انفال غازى (Hi No. 3457142)
‏رامىزان قوشىقى
‏
‏كەلدى ئۇلۇغ رامىزان ،
‏گۇناھلارغا ئۇ قالقان .
‏ئالاھنىڭ رەھمىتى كۆپ ،
‏ئەگەر تۇتسا ھەر ئىنسان .
‏
‏يىلدا بىر ئاي رامىزان ،
‏بىز پەرز ، ھەي ئىنسان !
‏ئۇنتۇمايلى بەش پەرزنى ،
‏قەرز قالسا بەك يامان .
‏
‏خاسىيىتى بەك تولا ،
‏بىر ساۋابىڭ مىڭ بولار .
‏قىلغان ئېغىر گۇناھىڭ ،
‏تەۋبە قىلساڭ يوق بولار .
‏
‏بەرىكەتلىك رامىزان ،
‏ئېچىلىدۇ ھەم ئاسمان .
‏پەرىشتىلەر ئىنسانغا ،
‏مەدەت بېرەر ھەرقاچان.
‏
‏رامىزاندا خۇشاللىق ،
‏زوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىق .
‏ھەتتا ماڭساڭ بىر قەدەم ،
‏ئاللاھ يازار ساۋابلىق.
‏
‏شۇنچە ئۇلۇغ رامىزان ،
‏تەڭدىشى يوق ھېچ زامان .
‏مەغپىرەت قىل بەندەڭنى ،
‏دەيدۇ ھەتتا يەر-جاھان .
‏
‏ئەگەر بىلسەڭ ، رامىزان
‏ئىنسان ئۈچۈن ئىمتىھان .
‏تۇتۇش - تۇتماس ئۆزۈڭدە ،
‏كۆرۈپ تۇرار يارتقان ....
‏
‏ئەجەل باردۇر بىر كۈنى
‏ئۇنتۇمىغىن ئەي ئىنسان .
‏ئىمتىھانغا تەييار تۇر ،
‏قالار بىزدىن بۇ جاھان .
‏
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms