3'28"
549w
بىگان
(Hi No. 1358759)
«رامزان» سالام خەتئەسسالامۇئەلەيكۇم رامازان !قانداق ئەھۋالىڭ ؟ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن خۇش كەلدىڭ ئىي مۇبارەك رامازان . بسېنى تەبىركلەش سېنىڭ خۇش كەلگېنىڭدىن سۆيۈنچۈمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ سالام خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سېنىڭ كېلىشىڭ بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلار خۇش بولدى،تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەنىدۇق ،ئاخىرى بەرىكەتلىك قەدەملەر بىلەن بەرىكەتلىرىڭنى ئېلىپ كەلدىڭ. شەيتانلار باغلىنىپ كەتتى ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانلىرى قايتا ئۇرغۇپ ،ئىبادەتلىرى بىلەن سېنى كۈتىۋىلىشقا تەييارلىق قىلدى .سېنىڭ بۇ مۇبارەك ئايلىرىڭدا تۈرلۈك ساۋابلار بىلەن گۇناھلار يۇيۇلۇپ كىتىشكە باشلايدۇ.قەلبلەر ئىبادەتنىڭ تەمىنى قايتا لەززىتى بىلەن تېتىيدۇ .ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغقان بۇ ئايلاردا سەن بىلەن مۇلاقاتتا بولۇپ ،ئاللاھنىڭ زىكرىنى قىلىپ ،ئۇنىڭ كەلىمىلىرىنى ياد ئىتىمىز.پاك تائاملار بىلەن قۇۋۋەتلىنىمىز ،گەرچە تومۇزنىڭ قىززىق ھارارەتلىرى ۋۇجۇدىمىزنى قىززىتسىمۇ ،تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرىساقمۇ سەبىر بىرلە سەن بىلەن بۇ كۈنلەرنى تەرتىل ئەركان بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تېرىشىمىز .ئىشىنىمىزكى ،ئاللاھ بۇ كۈنلەردە جەننەتلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىۋەتكەندەك ،قەلبلىرىمىزنى ھەم ئىسلامغا تىخىمۇ كەڭرى ئېچىۋەتكۈسى !
ساڭا ئىيتسام ،مەن بىر مۇسافىرمەن ،ئۆزگە ئېلىدە بىگانىمەن .ئەتراپىمغا قارايمەن ،بىگانە چىرايلار ،بىگانە سۆزلەر شۇنداقلا بىگانە نەزەر بىلەن تىكىلگەن كۆزلەر ...ئۇلار مەن مۇسافىرنىڭ سىغىنىشلىرىنى ،ئۆز ۋەتىنىدە ئىللىق ئائىلە قوينىدا سېنىڭ بىلەن قانچىلىك بىللە بولغۇسى بارلىقىنى سىزەلمەيدۇ ...بەلكى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا سېنى قاتتىق سېغىنغان ئەمما ھالسىزلانغانلىرى ،ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ قۇربانى بوپ كەتكەنلىرى ،يىگىلى نەرسە يوق ئاچ يالىڭاچ قالغانلىقلىرى ئۈچۈن رامزان ئۆتكۈزۈشكە قادر بولالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن...
ئىي رامىزان !مەن ۋەتىمنى سېغىندىم ،ئائىلەمنى سېغىندىم ،قان قېرىنداشلىرىم ۋەتەنداشلىرىم بىلەن بىرگە جەم بولۇپ سېنىڭ ئەپ كەلگەن خۇشاللىقىڭدىن تەھىر بەھر ئالغۇم كەلدى.ئەجىبا شۇنداق ئەمەسمۇ ؟چۈنكى ،ۋەتىنىمدە مىسكىن يۈرەكلەر ،ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشنى ساقلاپ ئاغزىغا يۇتۇم سۇنى ئېلىشتىن ئىككىلىنىۋاتقان يۈرەكلەر ،باللىرىنى سېغىنىپ پۇچۇلۇنۇپ كۆيىۋاتقان يۈرەكلەر ھەم بىز بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلماقتا .
ئەي رامازان ! مانا بۇ يۈرىكىمنىڭ ساداسى !ئۇ چاقىرماقتا !سېنى تىز كەلسىكەن دەپ چاقىرماقتا !ئاڭلاۋاتامسەن ؟ئۇ ئۆكسۈپ كەتتى ،ئازاپتىن ئەمەس ،خۇش بولغىنىدىن يىغلىماقتا !راست !خۇش بولغىنىدىن يىغلىماقتا ! گەرچە سۆيگەنلىرى بىلەن جەم بولالمىسىمۇ سەن بىلەن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى بولغان سەن رامازان بىلەن جەم قىلغىنىغا خۇش بولۇپ يىغلىماقتا!
ئاللاھنىڭ تەنلىرىمىزنى ئامان ،قەلبلىرىمنى ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلمىغىنىغا شۈكرى بىلدۈرۈپ يىغلىماقتا !سېنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان خاسىيەتلىك كۈنلىرىڭدە تۈرلۈك سىناقلاربىلەن سېنىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىۋىلىشلىرىمىز ئۈچۈن يىغلىماقتا !
كەلگىن رامازان ،كەلگىن !ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى بىللە ئىلىپ كەلگىن !بەرىكەتلىك زىيالىرىڭ بىلەن كەلگىن !پەيغەمبرىمىز رەسۇللىلاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنى ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ساھابلىرىنى ئەسلىتىپ كەلگىن !قەلبلەرمىز جانلانسۇن !ئىسلاھ بولسۇن !يۈرەكلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپسۇن !
خۇش كەلدىڭ رامازان!خۇش كەلدىڭ رامازان !خۇش كەلدىڭ رامازان !
مەزكۇر ئەسەرنى مۇسافىرلىقتا رامزان ئۆتكۈزۋاتقان قېرىنداشلارغا بېغىشلايمەن