3"
541w
فەخرى…
(Hi No. 3544715)
رامىـــــــــــزان ئون بىر ئايغا سۇلتان رامىزان،
بەرىكەتكە تولغان رامىــــــــزان.
پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق،
قۇرئان نازىل بولغان رامىزان.
٭ ٭ ٭ ٭
مۆئمىنلەرنى قىلىپ شادىــــــمان،
خۇش مۇبارەك كەلدىڭ رامىزان.
دۈشمەنلەرنى قىلىپ پەرىشان،
خۇش مۇبارەك كەلدىڭ رامىزان.
٭ ٭ ٭ ٭
تاقاق سېلنىپ باغلانغاچ شەيتان،
مۆئمىنلەرنى قىلالماس پايخان.
ئېشىپ ئىتقاد كۈچىيەر ئىمان،
چۈنكى بۇ ئاي ئۇلۇغ رامىزان.
٭ ٭ ٭ ٭
قارا بولــــۇپ گــــۇنـــــــاھقا پــــاتقان،
غەپلەت ئىچرە يا ئۇخلاپ ياتقان.
ھەممە بۇ ئاي اللە غا قايتـــــــقان،
ھىدايەتكە تولغــــــان رامىــــــــزان.
٭ ٭ ٭ ٭
كەڭ ئېچىلغان جەننىتى رەيھان،
ئادەۋەت ھەم يوقالغان پىغـــان،
نەپسىمىزگــــە قويۇلغان مىزان،
قەلىبلەرگە مەلــــھەم رامىـــــــزان.
٭ ٭ ٭ ٭
ئون بىر ئايغا سۇلتان رامىزان،
بەرىكەتكە تولغان رامىــــــــزان.
پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق،
قۇرئان نازىل بولغان رامىزان.
ـــــــــــ