552w
arzu
(Hi No. 3726048)
بۈگۈن يۈرۈگۈم بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدىم ، يىغلىما دىسەم يىغلاۋەدى شۇنچە گەپ قىلسام ئاڭلىمىدى. بوپتۇ يىغلىغىڭ بولسا يىغلاۋەر دېدىم. ئەمدى ماڭايلى دىسەم ماڭمايمەن دەيدۇ بوپتۇ بىردەم تۇرۋىلىپ ماڭايلى دىدىم . ئۇ قايتىپ كىتىمەن دەيدۇ قايىتقۇدەك يىرىڭ بارمۇ دىسەم يەنە يىغلايدۇ، ئارانلا قالغىنىمدا ئۇنى باغرىمغا بىسىپ بەزلىدىم ، ئۇ توختايدىغاندەك ئەمەس ، چىداپ بولالماي مەنمۇ يىغلىدىم ، ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق يىغلىدىم. ئۇ ھەيران قالدى يىغامغا چىدىمىدى بولغاي ئەمدى ئۇ مىنى بەزلەشكە باشلىدى. قانچىلىك يىغلىدۇقكى بىر ۋاقىتتا ئىككىلىمىز توختىدۇق. ئۇ ھىچنىمە دىمەي كۆزۇمگە قاراپ تۇراتتى، ماڭايلى دىسەم ئۇ كەينىمىزگە يانايلى دىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىدەك مادارىم قالمىدى بولغاي سۈكۈت قىلدىم ئاندىن جايىمىزدا ئولتۇردۇق . ئۇ پات_پات ئۈمىد بىلەن ماڭا قارايدۇ مەنمۇ ھىچنىمە دىيەلمىدىم. كۆرمىسكە سىلىپ كۆزۇمنى چىڭ يۇمۇپ ئولتۇرۋالدىم . لىكىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدىم . يۇرۇگۇم تۇرسا سەزمەي قالاتتىممۇ؟! مەندىن باشقىچە تەسەللى كۈتمە يۈرۈگۈم. مەن پەقەت ساڭا سەۋىرنىلا تەۋسىيە قىلىمەن ، بەلكىم مىنىڭ بەزى خاتالىقىم سىنى مۇشۇنداق قىيناپ قويغاندۇ. ئەنسىرمىگىن، مەن ساڭا تەۋبەم ئارقىلىق ئاللاھتىن راھەتلىك تىلەيمەن، ئاللاھ چوقۇم ساڭا ۋە ماڭا رەھمەت قىلىپ ئەڭ ياخشى نئمىتىدىن بەھىرلەندۈرىدۇ…ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ…سەبىر قىل يۈرۈگۈم .