554w
N
(Hi No. 3574663)
نىمە بولدۇڭ يۈرۈگۈم ؟ نىمىگە يىغلايسەن؟ نىمىگە ئازاپلىنىسەن؟ دوستۇڭغىمۇ ياكى سۆيگىنىڭگىمۇ؟ ۋە ياكى سەن ئەقىدە قىلغان ، سەن ئىشەنگەنلەرگىمۇ؟ سەن ئۇلاردىن نىمە كۈتكەنىدىڭ؟ ئۇلار ساڭا نىمە بەردى ؟ سىنىڭ بىردىن بىر كۈتكىنىڭ ۋاپا، ئەقىدە ، كۈيىنىش ئىدى. ھەرگىزمۇ يالغۇزلۇق ئەمەس ئىدى. سەن شۇنچە قىلدىڭ ، قۇلۇڭدىن كىلىشىچە تىرىشتىڭ، ئاخىرىدا نىمىگە ئېرىشتىڭ؟ يەنىلا يالغۇزلۇق. يەنىلا ئازاپ. ئەمدى بولدى بەس ، ئەمدى توختا ، بولدى قىل. ئازاپلانما، سەن سېغىنغانلار سىنى ھەرگىزمۇ سەن مۇھتاج بولغاندا ئىزدىمەيدۇ ھەم ئىزدىمىدى. ئۇلارمۇ چۈشىنىپ قالا. چۈشەنمىسىمۇ مەيلى. ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.ھەرگىز ياش تۆكمە. ئۇلار ياش تۆكىشىڭگە ئەرزىگەن بولسىدى سىنى ھەرگىز يىغلاتمايتتى.بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلدىڭ، يالغۇز كىتىسەن. ئەمدى باشقىلاردىن ئۈمۈد كۈتمە. ئالدىڭغا قارا. ساڭا قۇشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان شۇ مەسۇم يۈرەكنى ئويلا. ئەنە ئۇلا دەل ئاللاھ ساڭا بەرگەن نىئمەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا ياشا. خۇشال ياشا. ھازىرمۇ ھەم كىيىنمۇ ھەم. باشقىسى ھەممىسى يالغان. دوستمۇ ھەم، سەن قۇربانلىق بەرگەن ، دىلىڭدىن سۆيگەن، ئوتىدا كۈيۈپ سۈيىدە ئاققان سۆيگۈنۈڭمۇ ھەم........