542w
♥κǎΨ ろαЯ♣
(Hi No. 3623898)
☜جەننەت ئاشىقى☆يىللار ئىزناسى تاڭلار ساباسى
بىزلەرگە نىمەت ئىسلام لىباسى
كىلىڭلا دوسلا ھەمرادۇر بىزگە
شۇ گۈزەل باغدا ھۆرلەر سىماسى
ئاشىقمەن ساڭا ھەي گۈزەل جەننەت
ھۆ بولدۇم شۇنداق دۇنياغا لەنەت
قاچانمۇ يىتەر مەن سىنىڭ ۋەسلىڭگە
شانۇ شەۋكەتلىك خۇشپۇراق جەننەت
دۇنياغا شۇنداق ھۆ بولدۇم قاتتىق
ئارزۇ قىلمايمەن بايلىق ۋە شاتلىق
جاھان شۇنداقكەن ئۆتكۈنچە پەقەت
نىشانىم مىنىڭ ئاھ گۈزەل جەننەت
خۇشال مەن شۇنداق مۇسۇلمان بولدۇم
مۇناپىقلارغا ھەم ھەيرانە بولدۇم
توۋبە قىل ئىنسان قوققىن ئاللاھتىن
مانا دۇنيادا ۋەيرانە بولدۇڭ
كۆرمىگەن لەززەت باردۇر سېنىڭدە
بەھەيۋەت شۇنداق گۈزەللىك سەندە
ياخشى كۆرىمەن ياخشى كۆر مىنى
شۇقەدەر ئامراق قۇربانىم جەننەت
گۈزەللەنىڭ سەن شاھى فىردەۋىس
قالدۇرمىغىن بىزلەنى خىيالى پەقەت
قالساقمۇ خىيالى دۇنيادا مەيلى
ئاخىرەت ۋەسلىڭدىن ئايرىما جەننەت
قوقتۇق دوۋزاقتىن باش ئەگدۇق يارەپ
بەردىڭ دۇنيادا خىلمۇ خىل نىمەت
شۈكۈرلەر بولسۇن يۈزمىڭلاپ شۈكۈر
لىكىن ئارزۇيۇم سەن قۇرغان جەننەت
ياشايمەن شۇنداق ئارزۇ ھەۋەستە
ئاسان كەلمىدى شاھادەت تەستە
ئىلاھ يوقتۇر سىنىڭدىن باشقا بىر ئاللاھ
بەرسۇن دەپ ياشايمەن سالىھ سەن جەننەت
ئاشىقلىق پەقەت جەننەتلا بولسا
ئاشۇ جەننەتتە مۇھاببەت بولسا
ئاشىقمەن ساڭا ئاي پەرى ھۆرقىز
ئۇچراشسام دەيمەن ئاشۇ جەننەتتە
1 like