541w
muhsina
(Hi No. 3552289)
بىر ئەر ئايالى باققان مۈشۈكنىڭ قىلىقسىزلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئايالى ئۆيدە يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۈشۈكنى مەھەللە سىرتىدىكى ئورمانلىققا تاشلىۋېتىپتۇ، ئۆيگە قايتىپ كىلىپ قارىغۇدەك بولسا ئۆزى تاشلىۋەتكەن مۈشۈك مەشنىڭ يېنىدا خورەك تارتىپ ئۇخلىغۇدەك ،ئۇ ئەرنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ مۈشۈكنى بىر تاغارغا سېلىپ ئۆيدىن چىقىپ ئوڭ تەرەپكە ئون كىلومىتىېر ماڭغاندىن كىيىن سول تەرەپكە 20كىلومېتىر مېڭىپتۇ ئاندىن يەنە شەرق تەرەپكە ئون كىلومېتىر مېڭىپ تاغاردىكى مۈشۈكنى ئورمانلىق ئىچىگە تاشلىۋېتىپتۇ،بىر سائەتتىن كېيىن ئەر ئايالىغا تېلفۇن قىپتۇ، -خوتۇن، مۈشۈك قايتىپ كەلدىمۇ? -ھەئە ، بەش مىنۇتنىڭ ئالدىدا قايتىپ كەلدى ،بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ? ئېرى مۈشۈكنىڭ قايتىپ كەلگىننى ئاڭلاپ غەزەپتىن تىترەپ كېتىپتۇ دە ئايالىغا دەپتۇ ، تېلفۇننى ئاۋۇ ھايۋانغا بەرگىنە مەن يولدىن ئېزىپ قالدىم