550w
muhsina
(Hi No. 3552289)
شىر ئاغىرىپ قېلىپ ئۆڭكۈردە ئېڭراپ يېتىپتۇ. ئەتراپتىكى ھايۋانلار كەينى-كەينىدىن ئۇنى يوخلاپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئېڭراشلىرىنى ئاڭلىغان تۈلكىنىڭمۇ ئىچى سىيرىلىپتۇ ھەمدە ئۇنى يوخلاپ چىقماقچى بۇبتۇ. ئۇ شىر ياتقان ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كىلىپ، يەرگە شۇنداقلا بىر قاراپتۇدە قەدىمىنى توختىتىۋاپتۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە ياتقان شىر تاقەتسىزلەنگەن ھالدا:« ھەي تۈلكە!نىمىشقا ئىچىگە كىرمەيسەن؟» دەپ سوراپتۇ. تۈلكە:« مەن ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭغان ئاياق ئىزىنىلا كۆردۈم، ئۆڭكۈردىن يېنىپ چىققان ئاياق ئىزلىرىنى بولسا كۆرمىدىم، ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، ئىچىگە كىرىشكە قانداقمۇ پېتىناي؟» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. بۇ جەمىيەتتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىمەن دەيدىكەنسەن، چۇقۇم تۈلكىدەك ھۇشيار بول، «خاتا بېسىلىپ قالسا بىر قەدەم، ئېپكىلەر كىشىگە مەڭگۈلۈك ئەلەم» دىگەن ساۋاقنى يادىڭدا چىڭ تۇت، ھەر بىر قەدىمىڭنى ئېىتىيات بېلەن باس، ھەرگىزمۇ خاتا نىشانغا مېڭىپ سالما. بۇ ھىكايىدە ئەقىل ئىگىللىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار [强][强][强]