542w
muhsina
(Hi No. 3552289)
ئاتا-ئاناڭ مېھماندۇر كەتسە كەلمەس قارىۋال, سېنىڭ ئۈچۈن ئاقارغان ساچلېرىنى تارىۋال. تاپقان پۇلۇڭ نە ھاجەت, خىزمىتىنى قىلىۋال , ئۇلار ھايات گۈلۈڭدۇر,ھىدلاپ تازا پۇرىۋال. ئاشو گۈزەل چىھرىنى يېنىش-يېنىش كۆرىۋال! قورۇق باسقان قولىنى كۆزلېرىڭگە سۈركىۋال. غەم-قايغۇنى ئۇلاردىن ئۆزمۈرەڭگە يۆتكىۋال, مەيشەتكە بېرىلسەڭ ,ۋىجدان ئازابى تارتىۋال. ھەممىمىزنىڭ مېھمىنى بولسۇن مەڭگۈ سالامەت, سەندىن پەقەت كۈتىدۇ ئادىمىيلىك دارامەت. بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنچە ئىمىش باراۋەت, پەرزەنتىڭدىن ساڭا ھەم يەتمىسۇن ھېچ مالامەت!