550w
muhsina
(Hi No. 3552289)
بىر ئەر مۇنداق دىدى:مەن ھەر قېتىم قېينىئاپامنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقتىمدا ،قېينىئاپام ئىنتايىن ئۇچۇق ھالدا مېنى قارشى ئالىدۇ:ئوغلۇم نىمە يەيسىز ،كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدۇ دەپ پايپەتەك بولىدۇ ،ھەممە ياخشى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئالدىمىزغا تىزىدۇ ـ ئايالىمنى ئېلىپ ئۆزەمنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقتىمدا ،ئەگەر ئايالىم ئاپامغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىل بەرمىسە ياكى تاماق ئىتىشىپ بەرمەي قالسا ،ئاپام ماڭا:ئايالىڭ نىمداق ئىش ئۇقماس ،تەييار تاپ ،ھۇرۇن دەپ قاخشايدۇ ـلىكىن بىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك ،ھەر بىر قىز ئەرگە تەگمەستە ئۆز ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە خۇددى مەلىكىلەردەك ئەتىۋار ياشايدۇ ـبىر ئانا جاپا تارتىپ يىگىرمە نەچچە يىل باققان جان قىزىنى ،ئۆزى تۇنمايدىغان ناتۇنۇش ئائىلىگە بىر ئۆمۈر قىز بۇلۇپ خىزمەت قىلىشقا بىرىدۇ ـكۈيئوغۇل بىلەن كىلىننىڭ پەرقى نىمىشقا بۇنچە چوڭ ،بەزى ئوغۇلنىڭ ئاپىللىرى كىلىنىدىن ئوغلىنى قىزغىنىپ ،ئوغلۇمنى تارتىۋالدى ،ئوغلۇمنىڭ قۇلىقىنى بۇرىۋەتتى دەپ ئاغرىنىدۇ ،ھەتتا كىلىنىگە ئۆچ بۇلۇپ قالىدۇ ـئەمما قىزنىڭ ئاپىسى بولسا:مەن كۈيئوغلۇمغا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسام ،ئۇنى ئۆز ئوغلۇمدەك كۆرسەم ،ئۇ قىزىمنىڭ كۆزىدىن ياش چىقارماي ،ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلىدۇ دەپ ئويلايدۇـ