549w
زىمىستان
(Hi No. 3337459)
بەلكىم جاھىل،ئوسالمەن ئۆزۈم،بەلكىم بەزى قوپالدۇر سۆزۈم.
بىراق شۇنچە سۈزۈكتۇر كۆڭلۈم،
شۇڭا دائىم خوشالدۇر كۈنۈم.
خوشاللىقىڭ نىمەدۇر دەمسىز؟
ئېيتىپ بەرسەم جور بوپ كۈلەمسىز؟
مەنىۋىيلىك بەختىم بىلەمسىز؟
باشلىۋەتتىم قېنى كەلمەمسىز!
بەد نىيەتتىن يىراقمەن،يىراق!
ياخشىلىققا باردۇر ئىشتىياق.
شۇ مىننەتتىن خالىيمەن بىراق،
ئىمان ماڭا بولغۇسى چىراق.
ئىمان مېنىڭ ئەڭ چوڭ نىئمىتىم،
ئۆزگە كاتتا نىئمەت بىلمىدىم.
رەسۇلمىز دىگەن ئۈممىتىم،
ئاشۇ بىر سۆز مېنىڭ رىغبىتىم.
بىز شۇنچىلىك كاتتا بىر ئۈممەت،
دوست يارەنگە قىلىمىز دەۋەت.
بۇ يوللاردىن قايتمايمىز ئەبەت،
تارتساقمۇ گەر تۈرلۈك ئەرزىيەت.
ئەرزىيەتكە سەبىر تىلىدىم،
بۇ دۇنيانى مەن چوڭ بىلمىدىم.
ئىنسانلارغا يالغان كۈلمىدىم،
ئۆز ئۆزەمنى ئالداپ يۈرمىدىم.
ئىمانىملا بولسا رازىمەن،
ئىمانلىقنىڭ دوستى،يارىمەن.
تەقۋادارغا ئاشىق،زارىمەن،
نائىنساپقا ئاچچىق لازىمەن.
خوشاللىقىم مانا شۇ ئىمان!
ساداقەتلىك يارىمدۇر ئىمان!
جەننىتىمگە يولباشچى ئىمان!
شۇڭا پەقەت تىلەيمەن ئىمان!