543w
MaRiyooo __
(Hi No. 3654170)
چۈشەندىم ئۇزۇندىن بېرى ماڭا چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىڭنى،
ئۆزۈمنى تاپقان چېغىمدا چۈشەندىم.
ھەر ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئايرىم يولى بار ئىكەن،
ئۆز يولۇمنى سىزغان چېغىمدا چۈشەندىم...
ھايات دېگەننى ئوقۇپ، ئاڭلاپ ئەمەس، ياشاپ ئۆگىنىدىكەن،
ئويلىغانلىرىمىنى ساڭا نېمىشقا ئىيتالمىغانلىقمنى چۈشەندىم...
يۈرىكىڭ سۆيگۈسىز ئۆتكەن ھەر بىر كۈن زىيان ئىكەن،
سۆيگۈنىڭ كەينىدىن نېمىشقا يالاڭ ئاياق چاپقانلىقىمنى چۈشەندىم...
ئازاپ تازا پەللىگە چىققاندا كۆزلەردىن ياش ئەمەس قان تۆكۈلدىكەن،
نېمىشقا بۇنداق ياشنىڭ قانغا ئايلىنىپ كىتىدىغانلىقىنى چۈشەندىم...
بىرسىنى خالىغان يەنە بىرسى خاپا قىلالايدىكەن،
لېكىن ئەڭ ياخشى كۆرگەن بىرىلا ئازاپلىيالايدىكەن،
ئەڭ ئازابلانغان چىغىمدا چۈشەندىم...
سۆيۈلگەنگە ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆكۈلگەن ھەر تامچە ياشمۇ ئەرزىيدىكەن،
كۆز-يېشىنى يالغۇز ماڭا تاشلاپ كەتكىنىڭدە چۈشەندىم...
يالغان سۆزلەش ئەمەس ،راستنى يوشۇرۇش ئىكەن ئۇستىلىق،
قولۇمنى يۈرگۈمگە قويغان چىغىمدا چۈشەندىم...
بىرى ساڭا « كەت» دېگەندە، « قالغۇم بار» دېيەلىمەككەن سۆيۈش دېگەن،
« كەت» دىگىنىڭدە قىيلماي كەتكىنىمدە چۈشەندىم،
چۈشەندىم،چۈشەندىم ......