549w
انا مسلــم
(Hi No. 3767441)
1912. سوئال: كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق ـ جانسىز بارلىق شەيئىلەر قانداق پەيدا بولغان؟: جاۋاب: كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق جانسىز بارلىق شەيئىلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىڭغا جاۋاب تاپماقچى بولغان ھەر قانداق كىشى، تۆۋەندىكى تۆت جاۋابتىن باشقىسىنى تاپالمايدۇ: (1) كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان، يەنى ماددىنىڭ زەررىلىرى (پارچىلىرى) ئەقىل، ئىدراك ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان دېيىش. بۇنداق جاۋاب ئەقىلغا ھەرگىزمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، چۈنكى ، تاش، سۇ، ھاۋا، تۇپراق ۋە ئۇلاردىن باشقا ماددىلاردا ئەقىل، ئىدراك ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يوقلىقى ھەممىگە مەلۇم. تارىختىن بېرى، ھېچبىر زامان ئۇلارنىڭ ئەقىل، ئىدراك ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىگە، شۇنداقلا يارىتىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھېچقانداق ئەقىل، ئىدراك ياكى كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە بولمىغان ماددىلارنىڭ كائىناتنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كائىنات ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان دېگەن جاۋاب ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ. (2) كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنى تەبىئەت ياراتقان دېيىش. ئەگەر بىز، بۇ جاۋابنى بەرگۈچىلەردىن تەبىئەت دېگەن نېمە دەپ سورايدىغان بولساق، ئۇلاردىن بەزىلەر: «تەبىئەت كائىناتنىڭ مەنزىرسى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، كائىنات يوق ئىكەن تەبىئەتمۇ يوق ئىدى. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ مەنزىرىسى شۇ نەرسە مەۋجۇد بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇد بولالايدۇ. ئۇ نەرسە بولمىسا مەنزىرىسىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداقتا تەبىئەت بۇرۇن ئۆزى يوق تۇرۇپ، قانداقمۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنى يارىتالىدى؟ ئەگەر بىز تەبىئەتنى كائىناتتىن بۇرۇن بار ئىدى، دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، تەبىئەت ئەقىل ئىدراك ۋە كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە بولمىغان بىر نەرسە تۇرۇپ، قانداقمۇ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنى، جۈملىدىن ئەقىللىق ئىنسانلارنى يارىتالىسۇن؟! ئۇلاردىن بەزىلىرى تەبىئەتنى «كائىناتنىڭ ئۆزى» دەپ، تەرىپلىسە، بەزىلەر ئۇنى «يوشۇرۇن كۈچ» دەپ تەرىپلىمەكتە. بۇ يوشۇرۇن كۈچ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بولماي نېمە؟ ئۇلار بۇنى «تەبىئەت» دەپ چۈشەنسە، بىز ئاللاھنىڭ كامالىي قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى، دەپ چۈشىنىمىز. دېمەك، كائىناتنى تەبىئەت ياراتقان دەيدىغان بۇ جاۋابمۇ، ئالدىنقىسىدىن قېلىشمايدىغان بىمەنە جاۋابتۇر. (3) كائىىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر تاسادىپىي يارىتىلىپ قالغان، يەنى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر، ئەسلىدە ئاتوم زەررىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۇشتۇمتۇت ھەرىكەتكە كېلىش ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن تاسادىپىي پۈتۈنلىشىشى نەتىجىسىدە كائىنات ۋۇجۇتقا كەلگەن دېيىش. ئۇنداقتا، قۇياشنىڭ ماددىلىرى ئىسسىق ماددىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قۇياش دۇنياغا ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق بېرىدۇ. يەرشارى ۋە باشقا پلانىتلارنىڭ ماددىلىرىدا ئىسسىقلىق ماددىسى يوق ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. تاسادىپىي بولغان ئىشلارنىڭ پىلانسىز ۋە نىزامسىز ھالدا، ئۇشتۇمتۇت مەيدانغا كېلىدىغانلىقىمۇ ئېنىق بىر مەسىلە. قانداقلارچە، ئسسىقلىق ماددىلىرى تاسادىپىي ھالدا ھەممىسى بىر يەرگە كېلىپ قۇياشقا ئايلىنىپ قالدى؟ يەرشارىدىن باشقا پلانىتلاردا سۇنىڭ يوقلىقى ۋە ئۇ جايلاردا جانلىقلارنىڭ ياشىمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولغان بىر ئىلمىي ھەقىقەت بولغان يەردە، سۇ قانداق بولۇپ باشقا پلانىتلاردا بولۇپ قالماستىن، تاسادىپىي جانلىقلار ياشايدىغان يەرشارىدىلا بولۇپ قالغان؟ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار بىر خىل ئىنچىكە نىزام ۋە مۇكەممەل بىر قانۇن سىستېمىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. تاسادىپىي بولغان ئىشلار بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك نىزامسىز ۋە پىلانسىز بولىدۇ. بۇ ھالدا، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىكى نىزام ۋە قانۇن سىستېمىلار نەدىن كەلدى؟ تاسادىپىيلىق ئۆزىدە بولمىغان نىزام ۋە قانۇن سىستېمىلارنى كائىناتقا قانداقمۇ بېرەلەيدۇ؟ دېمەك، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەرنى تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالغان دېگەن جاۋاب، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسقا يۆلەنمىگەن سەپسەتىدۇر. (4) كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرنى ئاللاھ ياراتقان دېيىش. يۇقىرىقى ئۈچ خىل جاۋابنىڭ ھېچبىرى ئىلمىي ئاساسقا يۆلەنمىگەنلىكى ۋە ئەقىل، مەنتىقىغا قەتئىي ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك رەت قىلىنغانلىقىدىن مەلۇم بولدىكى، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق جانسىز بارلىق شەيئىلەر ئىلىم ھېكمەتلىك ۋە چەكسىز قۇدرەتلىك، كامىل بىر زات تەرىپىدىن ئىنتايىن ئىنچىكە نىزام ۋە پۇختا پىلانلار بىلەن يارىتىلغانلىقى شەك قوبۇل قىلمايدىغان بىردىنبىر ھەقىقەتتۇر. ئۇ زات بولسىمۇ، ئاللاھتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىق جانسىز پۈتۈن شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر[ ئەنئام سۈرىسى 102 ئايەت.]. Kakkuk Apps