543w
ئۈمىد ئەلچىسى
(Hi No. 3617767)
ئاغرىنىشلار راۋا ئەمەس دەتلىىرىمگە، ئەسقاتمىغان يېقىنلاردىن رەنجىشىم يوق. باھار كەتتى سۈزۈك سۇنى كۆرەلمىدىم، ئەگىز ئاققان ئېقىنلاردىن رەنجىشىم يوق. سەۋەبلەرگە كۆنۈپ قالدىم تولا ئاڭلاپ، قانائەتسىزجاۋاپلاردىن رەنجىشىم يوق. تەقدىرىمنى يېزىپ بەرمەس ئۆزگى ئىنسان، پۈتۈلگەن شۇ ئازابلاردىن رەنجىشم يوق. پاك سۆيگۈمگە ۋاپاسزدۇر بەزى بىرلە، كۆڭلى قارا بىر نادانغا رەنجشىم يوق. قىلدى غەيۋەت ئاڭلىمايدۇ قۇلقى دەپلا، دىلى زەھەر بىر يامانغا رەنجىشىم يوق. ھەر ئادەمنىڭ ياخشى كۈندە دوستى تولا، ئېغىر كۈندە ياتلاشقانغا رەنجىشىم يوق. ئاشكارلايدۇ تۈلكە مىجەز ھەر چاغ ئۆزنى، ساختا نىقاپ چاپلاشقانغا رەنجىشىم يوق. ئەسقاتمايدۇ نائەھلىلەر زۇلۇم كۆرسەڭ، قىممىتىنى بىلمەي ساتسا رەنجىشىم يوق. يېقىنلاردىن كەلگەن راھەت ھىجران بولسا، يات بىرلەر ئوقيا ئاتسا رەنجىشىم يوق. ئىلاجىم يوق چۈشەنمەستىن ئەسكى دىسە، مەن بىر كىتاپ ئوقىمسا رەنجىشىم يوق. ئوقىغانلار بىلىپ تۇرۇپ مەردلىكىمنى ، نامەرتلەرچە كۆزنى يۇمسا رەنجىشىم يوق. دوستتىن كەلگەن نامەرتلىككە كۆنۈپ قالدىم، رەقىب ھامان ئاشكارە دۈشمەن رەنجىشىم يوق. ئاق كۆڭۈللۈك زىيان بولدى ماڭا ئاخىر ، مەن سۆيگەنلەر ئاتسىمۇ ئوق رەنجىشىم يوق....