Avatar
568w
مەھرىبىن (Hi No. 3557118)
ياشاپ ئۆيدىن يىراقلاردا ئەجەپ غەمكىن يۈرۈپ كەتتىم، مۇھتاج بولۇپ تەسەللىگە تارىم كەبى قۇرۇپ كەتتىم. ئۆتۈپ كەتتى قانچە تۈنلەر ھېچ ئۇيقۇ يوق بۇ كۆزلەردە، كۈندۈزلىرى ئوي-خىيالدا گاھى ئاچچىق كۈلۈپكەتتىم. دوستلار قىلار نەسىھەتلەر ئۆتۈپ كېتەر بۇ كۈنلەرمۇ، لېكىن، دەردىم ئازايماق يوق دەرت قوينىغا چۆكۈپ كەتتىم. بۇلار ماڭا ئاز كەلگەندەك ئازار بېرىپ ئۆزگىلەرگە، ‏نە بىر چارە چۈشەنمىسە خىجالەتتە ئۆتۈپ كەتتىم. ئۆتەر كۈنلەر، ئۆتەر تۈنلەر، ئۆتەر ئىقبال ھېچ كۈلەلمەي، ئامال قانچە ياشاپ شۇنداق بۇ يەرگىمۇ كۆنۈپ كەتتىم.
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
5 Comments
的不起我爱你 :ئاھ ئۇرمىغىن توغرا دەپتۇ ئۈتۈپ كىتەر راسلا بۇكۇنلەر..ئەتراپىڭدا دۇستۇڭ تۇرۇپ ئۆتكىز مىگىن ئۇيقىسىز تۈنلەر..ياشىماق تەسكىلىۇر يىراق ياردە بولمىغاچ ئۇ ئۆزماكان ..ئەمما غەمكىن يۈرۈپكەتتىم دەپلا ئۈزۈڭچە باشقىلارغا ئازاربەرمە ھەرزامان566w
alimu : 38" 566w
Hosam :567w
Turuk boy : 4" 568w
YUSUP : 3" 568w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms