Avatar
576w
my friends (Hi No. 3619164)
. دادا سىزنى ئوتتىن سورىسام ، ئوت لالىدەك قىزىرىپ تۇرۇپ : ” ماڭا ئوخشاش كۆيەتتى“دېدى؛ دادا سىزنى سۇدىن سورىسام ، سۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ : ”ماڭا ئوخشاش ئاقاتتى “دىدى ؛ دادا سىزنى كۆكتىن سورىسام ، كۆك بەك ئېغىرخۇرسىنىپ تۇرۇپ : ”يۇلتۇزلاردەك يورۇيتتى“ دىدى ؛ دادا سىزنى تاغدىن سورىسام ، تاغ باشقىچە روھلىنىپ تۇرۇپ : ” يامغۇر ئۇنى دورايتتى“دىدى ؛ دادا سىزنى قۇشتىن سورىسام ، قۇش ھەسرەتتە تولغىنىپ تۇرۇپ : ”ئۇدەرەختەك تۇراتتى “دىدى ؛ دادا سىزنى گۈلدىن سورىسام، گۈل شەپەقتەك چوغلىنىپ تۇرۇپ : ” مېھرى بىزدەك پۇرايتتى“دىدى . دادا سىزنى ئاپامدىن سورىسام، ئاپام خۇرسەنگەن ھالدا: ”داداڭ بۇدۇنيادىكى ‏ئەڭ ‏ئېسىلىدۇر“ دەپ جاۋاپ بەردى…… دادا بىراۋ مەندىن داداڭ قانداق ‏ئادەم دەپ سوراپ قالسا'مەن ئككىلەنمەي :”دادام بۇدۇنيادىكى ماڭا ئەڭ مۇكە‏ممەل ‏ئۆرنەكتۇر “دەپ جاۋاپ بىرىمەن . دادا سىز مېنىڭ پەخرىم شۇنداقلا مەڭگۈلۈك تايانچىم . ياراتقان ئاللادىن ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمەن
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms