542w
صَلاَحُ الدِّيْن أَيُوبِي قَاعِدنَا
(Hi No. 1441748)
شىئىر بەزىلەرگە ... ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغانتى
مۇسۇلمان
ئاغىزلىرى ھەجەپ سەت چىقىپ كەتتى گەپلىرى
جىم تۇرماستىن سۇكۇتتە تىللىرى ھەم سۇزۇلغان
ھەيران قالدىم بەزىگە يۇرىكى ھەم تاش قاتقان
سەبىر دەپلا كەينىدىن باشقىلارغا تاش ئاتقان
شۇنداق خەلىق بۇلغاچقا بىزنى غەپلەت كۇپ باسقان
ئايات ھەدىس ھەجەپ كۇپ ئۇيلانماستىن تۇپلايدۇ
دۇستى بۇلسا قارشىسى بىرنى قۇيماي قاتلايدۇ
ئىتىبارسىز ئۇنىڭغا تەفەككۇرھەم قىلمايدۇ
شۇسەۋەپتىن بىزلەردە مۇھابەت ھەم بۇلمايدۇ
ئىغىزلاردىن يامان سۇز بىردەم ھەم جىم تۇرمايدۇ
مەنمەنچىلىك بەسبەستە بىزدە ھۇرمەت بۇلمايدۇ
ھەيران قالدىم بەزىگە ۋاقتى كەلسە قۇيمايدۇ
ھۇشيار بۇلغىن جان دۇستۇم ھەسەدچىنىڭ شەرىدىن
پەيتىنى تاپسا ئۇمۇھەم سىنى ئاياپ قۇيمايدۇ
پاناھ بەرگىن ئاللاھىم يالغانچىنىڭ سۇزىدىن
گۇۋاھ بۇلسا بىزلەرگە ھەرگىز پايدا كەلمەيدۇ
كۇردۇق بۇگۇن دۇسلارنى بىر تۇتامغا چىقمىدى
ئاچچىقىمنى باسقاندا سۈكىت قىلىپ ھەم تۇرمىدى
گەپ سۇزلىرى چىرايلىق پايدا كۇرمەس ئەمەلدە
ساختىپەزلىك تىرىسى يۇقاپ كىتەر بىر كۇندە
ئاللاھ ئادىل بۇلغاچقا غەم قىلمىدىم قەلبىمدە
كىشلەر تۇپى ھەرتۇرلۇك ئادىل ئادەم بەك ئازكەن
ئازغۇنلۇقتا ياشىغان سۇزلىرىدە ھەم ئازىدكەن
گۇۋاھ بۇلدۇق سۇزىگە يامانۇ ۋە ياخشىغا
ئۇقۇتمايدۇ مۇسۇلمان ئاچچىق كەلسە باخشىغا
كۇردۇق بەزى كىشىنى داپ چالاركەن ئەسكىگە
سەبىر ئۇنىڭ ئىڭىدا سەت گەپ ئىكەن باشقىغا
كەچۇر ئاللاھ بىزلەرنى يىتەكلىگىن ياخشىغا
ئىزىپ كەتتى سۇزىدە ئۇخشاپ قالدى باخشىغا
مۇنافىقتەك بىلجىرلاپ قاۋاپ كەتتى باشقىغا
نۇمۇس يۇقمۇ ئۇلاردا ئادام سەللەپ باشتىلا
ئۇقۇپ قۇيدۇم شىئىرنى قان كەلسىمۇ ئىچىگە
ھەسەتخۇر ھەم تۇرالماس ئىغىر كەلسە يەتكىچە
سەبىر بەرسۇن ئاللاھىم يىتىم قالغان بىرسىگە
جاھىل كىشى چۇشەنمەس ئادىل بۇلۇشنى بىرسىگە
جاھىللىقلار ياشاتتى گۇرۇھۋازلىق ئېڭىدە
يۇقتۇرۋالغان بەزىلەر ئەسلىيەلمەس ئىسىدە
تۇگىتەيمۇ شىئېرنى سىڭدۇرۋالسۇن باشقىلار
ئاللاھ بەرسۇن پاناھنى يىراق تۇرسۇن ئاشقۇنلار
ئاللاھ بەرسۇن ئامانلىق ھەربىر - گۇزەل بەندىگە
تاپشۇردۇم ھەم دۇستۇمنى ئەڭ مىھرىبان رەببىمگە ...