Avatar
576w
ئۈمىد ئەلچىسى (Hi No. 3617767)
نېگىر شوپۇر ئاق تەنلىك ئانا - بالىنى ماشىنىسىغا سېلىپ كېتىپ باراتتى ، بالىسى ئاپىسىدىن :"شوپۇر تاغامنىڭ تېرىسى نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تېرىمىزگە ئوخشىمايدۇ ؟" دەپ سورىدى . ئاپىسى جاۋابەن :"تەڭرى بۇ دۇنيانى رەڭگارەڭ قىلىش ئۈچۈن ، ھەرخىل رەڭلىك ئادەملەرنى ياراتقان " دېدى . مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا ، قارا تەنلىك شوپۇر پۇل ئېلىشقا قەتئىي ئۇنىمىدى . ئۇ :" كىچىك ۋاقتىمدا ئاپامدىن ئوخشاش سوئالنى سورىغان ئىدىم ، ئاپام < بىز قارا تەنلىك ، باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرۇش پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن > دەپ جاۋاب بەرگەنىدى . ئەگەر ، ئۇ سىزگە ئوخشاش جاۋاب بەرەگەن بولسا بۈگۈن مەن باشقىچە نەتىجە قازانغان بولاتتىم " دېدى.باشقىلارنى تۈۋەن كۆرمەي ياخشى باھا بىرىپ قۇيۇشمۇ بىرخىل ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتۇر。[爱心][爱心]
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms