551w
ئۈمىد ئەلچىسى
(Hi No. 3617767)
بۇنداق سۆيگۈدىن دەرھال ۋاز كېچىڭ 1. مۇناپىقنى سۆيۈپ قالسىڭىز ئاللادىن مەدەت تىلەپ، بۇ سۆيگۈدىن ۋاز كىچىڭ، مۇناپىقنىڭ شىرىگى بولۇشتىن ساقلىنىسىز. 2.تەكەببۇر-شۆھرەتپەرەسنى سۆيۈپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنى خار قىلماي سۆيگۈڭىزغا يۈگەن سىلىڭ. ئوسال بولمايسىز. 3.ھەسەتخور، مىننەتخور، قەسەمخور، يالغانچى، مەككار، گۇمانخورنى سۆيۈپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىڭ ، روھىڭىزنى دوزاققا تۇترۇق قىلمايسىز. 4. نامەرتنى سۆيۈپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىڭ ، نامەرت بازىرىدا سىتىلمايسىز. 5. بىلىمسىز، چۈشكۈن، نادان، مەنىۋىيىتى قاقشال، مەنىۋىي قاتىلنى سۆيۈپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىڭ، ھايات يولىدا ئازاپلانمايسىز، ئۈمىتسىزلەنمەيسىز. 6. ئىنساپسىز، بىخىل، ئاچكۆز ئادەمنى سۆيۈپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىڭ ، قىممىتىڭىزنى پۇلغا ساتمايسىز. 7.مەنىۋىي زۇلۇم، ۋەھىمە ۋە روھىي بىسىم ئىلىپ كەلگەن ئىنساننى سۆيۈپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىڭ، ياۋۇز يالماۋۇزدىن بۇرۇنراق قۇتۇلغان بولىسىز. 8. ھاقارەت قامچىسى بىلەن قەدىر قىممىتىڭىزنى قامچىلاشنى ئادەت قىلغۇچىنى سۆيۈپ قالسىڭىز ئىككىلەنمەي ۋاز كىچىڭ ، ئۆزىڭىزنى خار قىلمايىسىز. 9.قەدرىڭىزنى بىلمىگەن، سۆيۈشكە ئەرزىمەيدىغان ئادەمنى سۆيۈپ قالغىنىڭىزنى ھىس قىلسىڭىز دەرھال ۋاز كىچىڭ، ھايات يولىدا ئازاپ چەكمەيسىز. 10.كۆڭلى سىزدە يوق ئادەمنى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، چىن سۆيگۈڭىزنى خار قىلمايسىز. 11. تۇترۇقسىز، ساپاسى تۆۋەن، پۇل ئۈچۈن جىننى بىرىدىغان ئادەمنى سۆيگەن بولسىڭىز دەرھال ۋاز كىچىڭ، بىر ساتقىندىن قۇتۇلغان بولىسىز. 12. مىجەز خاراكتىر جەھەتتە ماسلاشمىغان ئادەمدىن ۋاز كىچىڭ، قان چىقارماي جان ئىلىشتىن قۇتۇلغان بولىسىز. 13.ۋىجدانسىز، غورۇرسىز، ئەدەپ-ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز ئىنساننى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، دەردۇ- ئازاپتا تۇنجۇقمايسىز. 14.سەۋرى تاقەت، شۈكرى قانائىتى يوق ئىنساننى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، مۇھتاج كۈنلەردە يالغۇز قالمايسىز. 15.سىنى جاندىن ئەزىز كۆرۈپ قەدىرلىمىگەن، يىغاڭ ئۈچۈن كۈلىدىغان ئىنساننى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، قەلبىڭىز دەرتكە كۆز ئالدىڭىز تۇماندا قالمايسىز. 16. بىشەم ھازازۇل ئىنساننى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، بالا ـ قازادىن، شەيتاننىڭ قامچىسىدىن قۇتۇلىسىز. 17. ئادالەتسىز، زوراۋان، بۇيرۇقۋاز ئىنساننى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، كىشىلىك قەدىر قىممىتىڭىز ئىنسانىي ھوقۇقىڭىز خار قىلمايسىز. 18. شەرمى-ھاياسىز، ۋاپاسىز، رەھىمسىز ئىنساننى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، رەقىپ قولىدا خار بولمايسىز. 19. ئىچىشكە، چىكىشكە، ئويناشقا بىرىلگەن ئىنساننى سۆيگەن بولسىڭىز ئازاپلانسىڭىزمۇ ۋاز كىچىڭ، كىسەل كارۋىتىدا ئازاپلانمايسىز. 20. نامەرتتىن، شەرتلىك سۆيگۈدىن دەرھال ۋاز كىچىڭ، ھەسرەت - نادامەت بىلەن تۇنجۇقۇپ ئۆلمەيسىز.