543w
مۇسافىر
(Hi No. 3539486)
سوئال: شېھىيد دېگەن كىم؟ شەھىيدقا بىرىلىدىغان موكاپاتلار قايسىلار؟ ئۇ قانداق دەپنە قىلىنىدۇ؟ جاۋاب: شېھىيد-سۆزى شاھادەت سۆزىدىن شاخلىنىپ، چىققان سۆز بولۇپ، گۇۋاھنامە، دىپلوم دىگەن بولىدۇ. يەنى جەننەتكە كىرىش گۇۋاھنامىسىگە ئىرىشىپ بولغان كىشىلەر دىمەكچى. ئۇ ئاللاھ يولىدا دىينىنى، ۋەتىنىنى، مۇسۇلمانلارنى، ئۆز جېنىنى، يۈز-ئابرويىنى، پۇل مېلىنى قوغداش ئۈچۈن غازات قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن ھەرقانداق كىشىدۇر. شۇنداقلا، قاراقچىلار ياكى بولاڭچىلار ياكى ئوغرىلار تەرىپىدىن كېچىدە ياكى كۈندۈزدە ئۆز ئۆيىدە قانداقلا بىر نەرسە بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەممۇ شېھىد ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شېھىدلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىبىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈشتۇر. شەھىيد ئېرىشىدىغان مۇكاپتلار ھەدىيستە كېلىشىچە 1- شەھىيد تۇنجى قېتىملىق ئوق تەگكەن ھامان بارلىق گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. 2- جەننەتتىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۆرىدۇ. 3- قەبرە ئازابى بولمايدۇ. 4- قىيامەت كۆنىدىكى قاتتىق قورقۇنجىدىن خاتىرجەم بولىدۇ. 5- بېشىغا بۇ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ياقۇت ساقلىنىش تاجى كېيدۇرلىدۇ. 6- جەننەتتىكى 72 ھۆر-پەرىلىرى بىلەن توي قىلىدۇ 7-يېقىنلىرىدىن يەتمىش كىشىنى شاپائەت قىلىپ جەننەتكە ئېلىپ كىرىش ھۆقۇقى بىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت جېنى چىقىدىغان چاغدا ھېچقانداق جان ئاغرىقى تارتمايدۇ. شېھىد بولغان كىشى يۇيۇلماستىن، قانلىرى سۈرتۈلمەستىن ئۆز كىيىمىگە ئوراپ تۇرۇپ نامىزى ئوقۇلىدۇ ۋە شۇ پېتى دەپنە قىلىنىدۇ.ى