Avatar
616w
saz_gu (Hi No. 3661989)
سىنوۋدېن يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىشىچە، iPhone ئېتىك ھالەتتە بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى تېلېفون تۇرۇپكىسى ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالايدۇ. بىخەتەرلىك قوغداش مۇتەخەسىسلىرى بۇ سۆزنى دەلىللىگەن بولۇپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تېخنىكا بۇيرۇقىدىن پايدىلىنالايدۇ، iPhone قارىماققا ئېتىك ھالەتتە تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۆۋەن ئېنېرگىيە مەنبەسىدە ئىشلەش ھالىتىگە كىرىدۇ-دە، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ مۇتەخەسىسلەر سىنوۋدېننىڭ بۇ سۆزلىرىنى دەلىللەپ بەردى.
سىنوۋدېن ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېتىك ھالەتتىكى iPhone نى ئاچالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. قاتتىق دېتال مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق iPhone نى قارىماققا ئېتىكتەك ھالەتكە ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە داۋاملىق تېلېفون تۇرۇپكىسى ئارقىلىق ئۇچۇر قوبۇل قىلالايدۇ». بەزى مۇتەخەسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: «تېلېفوننى ئۈزۈل-كېسىل ئېتىۋىتىش ئۈچۈن چوقۇم تېلېفوننى DFU ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇش كېرەك.»
Tweet
1 like
Like
Copyright © 2014-2026 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms