551w
ئۇيغۇرۇم
(Hi No. 3665485)
فورۋو forvo تور بېكىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەلەپپۇز لۇغىتى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ تىلىنى ئاۋازلىق ئۆگېنىش ۋە چۈشىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ، بۇ بېكەت نۆۋەتتە دۇنيادىكى توربېكەتلەر دەرىجىسىدە 3000. ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيادىكى 318 تىلدىن 2 مىليون 500 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك ۋە ئوقۇلۇش تەلەپپۇزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ تور بېكەت 2008. يىلى قۇرۇلغان بولۇپ كەمىنە تېخى يېقىندا بايقىدىم. بۇ بېكەتتىكى سۆزلۈك سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئالتە خىل تىل تەرتىپ بويىچە: گېرمان تىلى، ئېنگىلىزتىلى، روس تىلى، تاتار تىلى، پۇرتۇگال تىلى ۋە فىرانسۇز تىلىدىن ئىبارەت. يۇقىرىقى ئالتە تىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلانغان تاتار تىلىنىڭ 4. ئورۇندا تۇرۇشى شۇ تىلدىكى مىللەت ئەزالىرىنىڭ مېھنەتسىز ئەجرىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ توربېكەتتىكى سۆزلۈك سانى 30 غىمۇ بارمىغان ئىكەن، 3 كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 500 دىن ئارتۇق سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇزنى قوشۇپ چىقتىم، ھەم پىلانىمدا بۇ توربېكەتكە ئاناتىلىمنىڭ ئاۋازىنى قەرەللىك ئىئانە قىلىپ تۇرۇش ۋە مۇۋاپىق تەشۋىقات قىلىشنى ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزمەكچى. كونىلاردا ‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس› دېگەن سۆز بار، نۆۋەتتە بۇ توربېكەتكە تىزىملاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ئارانلا 17 ئادەم بار ئىكەن. كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ توربېكەتنى مۇۋاپىق تۈردە تەشۋىقات قىلىپ قويۇشىنى ھەمدە قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئاناتىلىمىزنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشى ھەمدە ئاز-تولا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئىئانە قىلىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئەزالىرىمىز كۆپەيسە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇش ھەم تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس سۇنۇش خىزمەتلىرى ئىشلەنسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
نۆۋەتتە بۇ بېكەتنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، مەنمۇ خەنزۇچە بېتىدا مەشغۇلات قىلىۋاتىمەن. باشقا قېرىنداشلار ئەزا بولۇش ياكى سۆزلۈك قوشۇشتا ياردەمگە موھتاج بولسا قولۇم كۆكسۈمدە.
ئالاقە ئۇسۇلۇم:
http://www.uzdil.com/?ug-c-d-47.html
فورۋو ئۇيغۇرتىلى بېتى:
http://zh.forvo.com/languages/ug
م