550w
UYGHUR
(Hi No. 3585799)
ئوغۇللار ۋاڭبادا ئىكەن ، قىزلار دىبادا ئىكەن ، ئاياللار بازاردا ئىكەن ، ھازىدار مازاردا ئىكەن ، پۇلى بار نوچى ئىكەن ، يىگىتلەر پوچى ئىكەن ، ھازىرقى زاماندا جۇڭگۇنىڭ غەرىبىدە ، ئاسىيانىڭ كىندىكىدە «ئۇيغۇر» دەيدىغان بىر مىللەت ياشايدىكەن ، دىنى ئىسلام ئىكەن ، قىلغىنى ئىسلاھ ئىكەن ، بايراملىرى بەك كۆپ ئىكەن ، چۈنكى خەقنىڭ بايرىمىنىمۇ ئوينايدىكەن ، سانىسا بارماق يىتىشمەيدىكەن ، ئۆزىنىڭ بايرىمىنى خەق تەبرىكلەپمۇ قويمايدىكەن ، ئىسلامنىڭ بايرىمى كەلسە مۇسۇلمان بولۇپ ئوينايدىكەن ، خىرىستىياننىڭ بايرىمى كەلسە خىرىستيان بولۇپ ئوينايدىكەن ، بۇددا بايرىمى كەلسە بۇتچى بولۇپ ئوينايدىكەن ، ئىشقىلىپ بايراملا بولسا ئويناپ قۇيدىكەن ، بەك ئىجاتچان مىللەت بولغاچقا بەزىللىرىنى ئۆزى ئىجات قىلىپ ئوينىۋالىدىكەن، نورۇز بايرىمىنىمۇ ئۆزى ئىجات قىپتىكەنمىش، ناخشا -ئۇسسۇل ، كۈلكە -چاخچاقلارغا بەكمۇ ھىرىسمەن ئىكەن ، چوڭ -كىچىك ، قېرى-ياش ھەممىسى دىگۈدەك ناخشا - پاخشا ، مۇقام - پۇقام دىگەنلەرنى ئويناپ يىرتىۋىتىدىكەن ، قۇرئان ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدىكەن، كۈلكە -چاخچاق ، ئۇسسۇل - ناخشا بولمىسا تۇيى توي بولمايدىكەن ، سىز كىم دىسە ، مەن مۇسۇلمان دەيدىكەن ، چۈنكى چوچقا گۆشىنى يىمەيدىكەن، ئىسلامدا قانچە بايرام بار دىسە ئىككى دەيدىكەن، نەچچە بايرام ئوينايسىىز دىسە بارماق سانايدىكەن، شەرىئەتتىن سۆز ئاچسا قۇلاقنى ئىتىۋالىدىكەن ، خانىم - قىزلارنىڭ بەك كۆركەم ئەتلەس دەيدىغان كۆينىكى بار ئىكەن ، چىمەن دوپپىسى بەك گۈزەل ئىكەن ، بىراق دوپپىسى چۇققىسىدىن ، يوپكىسى تىزىدىن ئاشمايدىكەن، بۇنى مەدەنىيەت سانايدىكەن، مۇقاملىرى ۋە سازلىرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتماقچى بوپتۇدەك ، شۇ نەرسىللىرى بىلەن پەخىرلىنىپ، مەن «ئۇيغۇر» دەپ ھىچكىمگە ئۆزىنى تەڭ قىلماي يۈرىيدىكەن ، مانا بۇ - مۇشۇنداق بىر مىللەتكەن. قانداق قىلساق بولار دەپ ھەقىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قاتتىق غەم - قايغۇدىكەن..........