615w
✎Aℳℜíkíℳ
(Hi No. 3634305)
ناھايتى كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپلا مۇھەببەت ئۇرۇشىغا ئەسكەر بولۇپ كىرىپ نۇرغۇن يىللار دەششەتلىك ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ ئىچ باغرىمنىڭ ساق يەرلىرى قالمىدى، ئاللىقاچان پىشقان قوماندان دەرىجىسىگە ئېرىشكەن بولساممۇ لېكىن ئويلاپ باقسام مۇھەببەتتىن زەررىچە مەنپەئەت كۆرۈپ باقماپتىمەن، پەقەت ئېرىشكىنىم ئاچچىق ئازاپ ۋە ئۇنتۇلغىلى بولمايدىغان ھېجرانلىق ئەسلىمە بوپتۇ خالاس!… ئاخىرى مەن مۇھەببەت دىگەن ئۇقۇمنىڭ شەخسى مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلدىغانلىقىنى،قارشى تەرەپكە باغلىغان ئەقىدە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تارتقان ئازاپ ئوقىبەت، جاپا مۇشەققەتلەرنىڭ پەقەتلا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋىسال تەشنالىقى، مۇھەببەت ھېسىياتى ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى، ياخشى كۆرگەنگە ئادەمنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقى ياكى يارلانمايدىغانلىقى بىلدىم، دىمەك مۇھەببەت دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۆزى ھېسىيات ئۈچۈن ئۆزىنى ئالداش باشقىلارنى ئالداشتۇر. مۇھەببەت ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىققا تولغاندۇر… بۇنىڭ ھەممىسى ۋاقىت ئۆزگۈرۈشى ۋە مۇھىت ئۆزگۈرۈشى بىلەن ئاشكارلىنىپ بارلىق كىشلەرنى ئازاپلايدۇ، ئادەم مۇھەببەت كونتۇرۇللىقى بىلەن ياشىماي خۇدا بەرگەن ئەقىل بىلەن ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئىنسان ھېسىيات تىپىدىكى ھايۋان ئەمەس بەلكى ئەقىل تىپىدىكى ئىنساندۇر… ئابدۈشكۈر ھىكمەتلىرىدىن تاللانما،






abdulla :Balan gap kan 
613w