615w
✎Aℳℜíkíℳ
(Hi No. 3634305)
شۇنداق بىر ئادەملىرىڭ بولىدۇ، يا ئۇنۇتالمايسەن يا ئىزدىيەلمەيسەن. ھەربىر ئەسلىگىنىڭدە يۈرۈگۈڭ ئەلەمدە ئۆرتىنىدۇ، بەزىدە مەقسەتسىز نىشانسىز كوچا ئايلىنىسەن ناتونۇش شەھەردىكى نامەلۇم چىرايلار ئارىسىدىن بىر سىمانى ئىزدەيسەن، لىكىن تاپالمايسەن ، سەندىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە تەلمۈرىسەن شۇنداق بىر ئادەملىرىڭ بولىدۇ بارلىق كۈلكەڭ قايغۇڭ شۇلارغا باغلانغان يۈرۈگۈڭدە كۆيىۋاتقان ئوتنىڭ پىلىكى دەل شۇ ئادەملىرىڭدە بولىدۇ، ئوتنى يالقۇنلىتىپ ئۆزى كېتىپ قالغان سەن پەقەت كۆيىسەن كۆيىسەن ئۆچەلمەيسەن، ئۆچكىنىڭدە بولسا قايتا كۆيگۈدەك يۈرەك قالمايدۇ، سېنى بۇ سەۋداغا سالغۇچىغا يا نەپرەتلىنەلمەيسەن يا مۇھەببەت بېرەلمەيسەن ، پەقەت يۈرۈگۈڭ ھەربىر ئاغرىغاندا، دىل ياراڭغا تۈز سېپىلگەندە شۇنداق بىرى بار بولغان ئىدى دەپ ئېغىر ئۇھ تارتىسەن ، ھەقىقەتەن ھەربىر ئىنساننىڭ شۇنداق بىر ئادەملىرى بولامدىغاندۇ.....


