Avatar
570w
Banu (Hi No. 3566032)
كىشىنىڭ سىرىنى كىشىگە ئېيتما، بولمىسا ئۇنىڭ ئالدىدا بىر بولسا خىجالەتچى، بىر بولسا خىيانەتچى سانىلىسەن؛شۇنداق بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىزكى ، يا دوست ئېنىق ئەمەس ، يا دۈشمەن ..بۈگۈن قارىساڭ جان دوست، ئەتىسى قارىساڭ دۇشمە ن كەبى،كەينىڭدىن ئۇرغانلارغا غەزەپلەنمە،ئۇنىڭغا ئىشىنىپ دۈمبەڭنى قىلغان سەن ئۆزۈڭ...كەينىڭدىن گەپ قىلغانلاردىن رەنجىمە،ئۇلارنى ئادەم سانىغان يەنىلا سەن ئۆزۈڭ...‏ئاۋۋال باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭنى بىل، ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ باشقىلارغا قەلبىڭدىن ئورۇن بەرگىن …دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئېھتىيات قىلساڭ،دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل،دوست دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا،زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ... بەزىلەر بىلەن ياتلادىن ئىدۇق تۇنۇشتۇق..بەزىلەر بىلەن دوسلادىن ئىدۇق يېقىنلاشتۇق تېخىمۇ يېقىن دوسلادىن بولدۇق....بەزىلەر بىلەن جان بىرەر دوستلاردىن ئىدۇق نە سەۋەپ تاشلاشتۇق...بۇ شۇنداق جاھانكەن...كونىلار نىمانداق ياماندۇ،،،《كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ》دەپ بەك توغرا ئېيتىپتىكەن. ئالدىمىزدا نىمە قىسمەت ،نىمە ئۇيۇنلار با بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،،پەقەت مىنىڭ بىلىدىغىنىم مۈشكۈلۈمدە ئاللا ئىگەمدىن ياردەم تىلەيمەن. خۇشال بولغاندا ئاللاغا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىمەن. ئەتراپىمدىكى ھەممە ھەممىلەرگە ئاللا چەكسىز بەخت ۋە كۈچلۈك ئىمان ئاتا قىلسۇن‏.
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
3 Comments
@×ik :Assalamu alaykum569w
Banu : رەنجىمەWaalaykum asslam yahxi ozigiz quu570w
رەنجىمە : 3" 570w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms