544w
ئۈمىد ئەلچىسى
(Hi No. 3617767)
بەزىلەر مەن ئۈچۈن ئارمان، مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن بىر چۈش، ئويغانسام ھىچنەردىن تاپقىلى بولمايدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن قوياش، ماڭار يولومدا ئۈن - تىنسىز پارلاپ تۇرىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن ئايدۇر، ئون بەش كۈن بار، ئون بەش كۈن يوق. بەزىلەر مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك نىشان، مەيلى مەن مەغلۇپ بولاي ياكى غەلبە قىلاي يىقىلغان يەردىن دەس تۇرغان زامان يەنە داۋاملىق شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، مىنىڭ كىملىكىمنى ئىيتىپ بىرىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن كۆكلەم باھار، ئۆمۆر گۈللىرىمنى پورەكلىتىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن زىمىستان قىش، ھايات يولومدا شىۋىرغان پەيدا قىلىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن سەپەرداش، كىيىنكى بىكەتتە چۈشۈپ قالىدىغان ....... مەيلى كىملەر مىنىڭ نىمەم بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مىنىڭ ھاياتىم ئەنەشۇ ئارمانلىرىم،چۈشلىرىم بىلەن، ئاي -قوياشلىرىم بىلەن، قىش- باھارلىرىم بىلەن ھەقىقى مەنىسى تاپىدۇ. شۇلار بولغاچ مىنىڭ ھاياتىم تىخىمۇ گۈزەلدۇر.......