552w
she'
(Hi No. 3531260)
ئۇ سىزگە بىر خالتا نەرسىنى كۆتۈرۈپ باق دەپ بەردى،سىز ماقۇل دەپ كۆتۈردىڭىز،ئۇ سىزدىن كۆتۈرەلىدىڭمۇ دەپ سورىسا،ھە بەك يىنىككەن دىدىڭىز. ئۇ يەنە بىر خالتا قوشۇپ بەردى،سىز كۆتۈردىڭىز،ئۇ سىزدىن ئېغىرمىكەن ؟دەپ سورىغان ئىدى ،گەرچە قولىڭىز سەل تالسىمۇ ياق بوپقالدۇ دەپ جاۋاپ بەردىڭىز. ئۇ يەنە بىر خالتا بىرىپ، ئۈچ خالتىنى كۆتۈرىشىڭىزنى دىدى ھەم سىزدىن ھاردىڭىزمۇ؟دەپ سورىدى ،كۈچىڭىز بەكمۇ قالمىدى،ئۇنىڭغا:ھە،ئازراق ھاردىم دىگەنتىڭىز،ئۇ سىزگە سىزنى كۆتۈرەلەيدۇ دەپ بىرىپتىمەن،دەپ خاپا بولدى.ماقۇل شۇ ئازراقلا قولۇم ئاغرىدى،ئەنسىرمەڭ ئاغرىسىمۇ كۆتۈرىمەن دىدىڭىز،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر خالتا بىرىپ تۆت خالتىنى كۆتۈرگىن دىدى،كۆتۈرۈپ يىرىم يولغا كەلگەندە قولىڭىز ئاغرىپ ھەممە خالتا قولىڭىزدىن چۈشۈپ كەتتى.ئاقىۋەت ئۈچ خالتىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن سىز ،تۆتنى كۆتۈرەلمىگەن سەۋەپلىك ھىچقانداق خالتا كۆتۈرمىگەن ھەم ھىچقانداق نەرسە كۆتۈرەلمەيدىغان نامغا ئىگە بولدىڭىز. ئۇنىتماڭ قىرىندىشىم،بىر قىتىم كۆتەگەن ئادەم،ئىككى،ئۈچ ۋە نەچچە قىتىملاپ كۆتۈرىشى مۇمكىن،لىكىن ئەگەر سىز ئۇنى مەڭگۈ كۆتەسۇن دىسىڭىز ئۇنىڭغا تەڭ كۆتۈرشۈپ بىرىشىڭىز،ھەمدەم بولىشىڭىز كىرەك،ئەگەر تەڭ كۆتۈرەلمەيمەن دىسىڭىز ئۇنىڭدىن رەنجىشكە ئاساسىڭىز بولمايدۇ.مەيلى تۇرمۇش ،مەيلى مۇھەببەت-نىكاھ ،مەيلى دوسلۇق -قېرىنداشلىق بولسۇن قىسىقىسى، ھاياتلىقتا ئېغىرلىق بىر ئادەمگە چۈشسە، تەڭپۇڭسىزلىق بولۇپ تۇرمۇش تارازىسى بۇزلۇپ كىتىدۇ.شۇڭا ئۆزئارا كۆتۇرۇشنى ئۆگىنىش كىرەك.