552w
بىخلان
(Hi No. 3673088)
بىر موماي بىلەن ئۈچ ئالىمنىڭ سۆھبىتى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، مەلۇم بىر دۆلەت باشقۇرۇش بىلەن دىن باشقۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، سۆھبەتتە ئۈچ ئالىم دۇنيادا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى توغىسىدا ئۆزىلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى سۆزلەپتۇ: ئاستورنومىيە ئالىمى - مەن بىر ئۆمۈر ئاستورنومىيە بىلەن شوغۇللاندىم، ئاسمان بوشلىقىنى 20 نەچچە يىل تەتقىق قىلدىم، بىراق ئاللاھنى كۆرمىدىم، دەپتۇ. تىببىي ئالىم - مەنمۇ يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن جەسەتلەرنى پارچىلاپ تەكشۈرۈپ باقتىم، ئادەم بەدىنىدە روھنىڭ مەۋجۇت بولغىدەك جاينىڭ بارلىقىنى بايقىمىدىم. يۈرەك، مېڭە،كۆكرەك بارلىق جاينى يېرىپ كۆردۈم. بۇ مۇمكىن ئەمەس دەپتۇ. ئاخىرىدا بىر ئايال پەيلاسوپ چىقىپ ئادەمنىڭ ئۆلىشى مۇقەرەرلىك، ئادەم ئۆلسە خۇددى چىراق ئۆچكەنگە ئوخشاش ئۆلگىنى ئۆلگەن بولىدۇ. ئۆلگەن ئادەم تىرىلمەيدۇ، سۇئال-سوراق بولمايدۇ دەپتۇ. بۇ چاغدا تۆۋەندىكى تاماشىبىنلار چاۋاك چېلىشىپتۇ، بىراق، چاۋاكلار پەسلىگەندە بىر موماي ئورنىدىلا تۇرۇپ بۇ ئۈچ ئالىمدىن سورايدىغان سۇئالى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئالىملارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ. موماي سۇئال سوراشقا باشلاپتۇ: ئاستورنومىيە ئالىمى، سىز تېلىسكوپ بىلەن ئاللاھنى كۆرەممەپسىز، ئۇنداقتا شامالنى كۆرەلەمسىز؟ ئۇنى كۆرەممىگەنلىكىڭىز شامالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەمدۇ؟ دەپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاستورنومىيە ئالىمى ئۈنسىز تۇرۇپ قاپتۇ. تىببى ئالىم سىزچۇ، مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ سىز ماڭا ئوپىراتسىيە پىچىقىڭىزنى بېرىپ تۇرسىڭىز مەنمۇ سىزنى پارچىلاپ قوسىقىڭىزنى يېرىپ، بەدىنىڭىزدىن مۇھەببەتنى ئىزدەپ باقاي؟! دەپتۇ. پەيلاسوپ خېنىم، سىز بۇكىتابنى ئوقۇپ باققانمۇ؟ مانا بۇ قۇرئانى كەرىم، بۇ كىتابتا ئادەمنىڭ ئۆلىشىلا ئەمەس، ئۆلگەندىن كىيىنكى سۇئال-سوراقلىرى سۆزلىنىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئۆلسىلا ئىشىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ. سىز بۇ كىتابنى ئوقۇسىڭىز بۇ دۇنيالىقتىكى ئىشلارنى بىلىپلا قالماي يەنە ئۇدۇنيالىق ئىشلارنىمۇ بىلەلەيسىز، بۇنى پەيلاسوپلا قىلالامدۇ؟! دەپ سوراپتۇ. بۇ ئۈچ ئالىم موماينىڭ سۇئالىنى جاۋاپسىز قويۇپتۇ ۋە خىجىللىقتىن يەرگە كىرگىدەك بولۇپتۇ. موماي ئۇلارغا بىردىن قۇرئانى كەرىم سوۋغا قىلىپتۇ ۋە بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بۇ كىتابتىن تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.