Avatar
570w
بىخلان (Hi No. 3673088)
ئاچتىم تېلفۇن تۈن نىسپىدە خوتۇن تۇيماستا،
ئۈندىدارنىڭ قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا.
پاراڭلارغا بولدۇم ئەسىر ئېرىدى تىنىم،
شىرىن تاتلىق مۇڭ ئاۋازدا گەپ قىلغاچ جىنىم.
‏******************************
تېلفۇن ھەققى ئېقىملارنى پاراڭغا ساتتىم،
ئۈندىداردا قىز-چوكاننى ئۆزۈمگە قاتتىم.
چىرماپ ئالدى ۋۇجۇدۇمنى ئاقماس پاراڭلار،
دىلدا قالدى شىرىن چۈشتەك رىئال دۇنيالار.
‏*******************************
ئاھ ئويغانسام يىتىپتىمەن يوتقان ئىچىدە،
ئالما 4sباخاشلاپ مەن مۇدھىش كىچىدە .
تىرىڭشىپلا كەلدى ئەنە ماڭا شۇم خەۋەر ،
‏ئېقىم تۈگەپ تېلفۇن توختار ئەمدى بىر مەھەل.
‏******************************
‏قان يىغلارمۇ كارتام كۈندە ئېقىم ھەسرەتتە
ئۆتەرمىكىن WIFI ئىزدەپ كۈنلىرىم دەرتتە.
‏قىنىۋالاي دىدارىغا نوكىيا قېنى،
‏كىم قۇتقۇزار ئەقىلفۇننىڭ قوينىدىن مىنى....
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
1 Comment
✿‘, 算了吧 ,‘✿ :569w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms