616w
saz_gu
(Hi No. 3661989)
30 ياشتا مەن ...قورقتۇم، چۈنكى يېشىم چوڭايغانسېرى ئەتراپىمدا مەندىن ئايرىلىدىغان يېقىنلىرىم كۆپىيىدىكەن، ھايات ھەر كىمگە ئوخشاش ئەمەسكەن! 30 ياشتا مەن ...چۈشەندىم، ھېچكىم ئاتا-ئانامدەك مېنى ئىزچىل قوللىمايدىكەن ۋە ئەپۇ قىلمايدىكەن! 30 ياشتا مەن ...ئۆزگەردىم، كۆزۈم قىيغان ۋە قىيمىغان ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇشۇم كېرەككەن، بۇنىڭدىن باشقا چارىمۇ يوقكەن! 30 ياشتا مەن ...سەگەكلەشتىم، ھەممە ئادەمگە ياخشى بولۇش كېرەك، لېكىن ماڭا ياخشى بولغانلارغا مەن تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەككەن ! 30 ياشتا مەن... بىلىپ يەتتىم، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئىككى ئادەم ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت پەيدا بولۇشى ناتايىن، لېكىن چوقۇم كىشىنىڭ قەلبىنى بىلگىلى بولىدىكەن! 30 ياشتا مەن... تونۇپ يەتتىم، بەزى ئىشلارغا جاھىللىق بىلەن ئاخىرىغىچە چىداشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقكەن! ئۇنىڭدىن كۆرە باشتىلا قويۇۋېتىش كېرەككەن! 30 ياشتا مەن... چوڭ بولدۇم، كۆزۈمگە سىغمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆرمەسكە سالالايدىغان بولدۇم، چۈنكى باشقىلارمۇ شۇنداق قېلىدىكەن! 30 ياشتا مەن...تۇرمۇشتىن باشقىلارنى قەستلەيدىغان نىيەتنىڭ بولماسلىقىنى، ئەمما باشقىلارنىڭ قەستلىشىدىن ئاگاھ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەندىم! 30 ياشتامەن...تۇرمۇشتىن قان قېرىنداشلىقتىن سىرت كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدىم! 30 ياشتا مەن... تۇرمۇشتىن ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەمراھ بولمىغانلىقىنى چۈشەندىم! 30 ياشتا مەن... تۇرمۇشتىن ھاياتىمىزدا ھەر ۋاقىت ئايرىلىشنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بەزى ئىشلارنى زورلاشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم! 30 ياشتا مەن... تۇرمۇشتىن باشقىلارغا بەخىت تىلەشنى، لېكىن ھەۋەس قىلماسلىقنى، تىرىشسام ئۆزۈمنىڭمۇ بەخىتلىك بولىدىغىنىمنى چۈشەندىم! ۋاقىت بەئەينى ئاققان سۇ، ھاياتىمىزنى ئاستا-ئاستا ئېقىتىپ كېتىدۇ。
