555w
غېرىپ مۇساپىر
(Hi No. 2050256)
ئەقىدە ئۈچۈن ياپتىڭىز رومال،قىلغان ۋەجىدىن ئۆلۈمنى خىيال.
ھالىڭىز بۈگۈندە باشقىچە بىر ھال،
قىلىنىپ قامال، مۇئمىنە ئايال.
ھەممە تەرەپتە سىزنىڭ گېپىڭىز،
ھەممىدىن يامان سىزنىڭ ئېتىڭىز،
ھەق يولدا تۇرۇپ سىزنىڭ سېپىڭىز،
دۈشمەنگە «تىغ» بولۇپ، مۇئمىنە ئايال.
قالىسىز پات-پات ئۇرۇپ-سولىنىپ،
تالاي قۇربانلىق بېرىپ بۇلىنىپ،
كەلسە زۇلۇمغا، زۇلۇم ئۇلىنىپ،
سىز يەنە خوشال، مۇئمىنە ئايال.
بىر تىنىق ئالدۇرماي قىلسا ھاقارەت،
گاھىدا ھىلە قىپ، گاھى سىياسەت.
ئىمان دەپ كافىرغا يېلىنمىدىڭىز پەقەت،
زۇلۇمغا «دات» دېگەن يوق، مۇئمىنە ئايال.
ياش تۆكمىدىڭىز ھەقتىن بۆلەككە،
تايانمىدىڭىز باتىلغا ئازغۇن يۆلەككە،
بوي بەرمىدىڭىز شەيتانغا يەككە،
دىدىڭىز يوقال! مۇئمىنە ئايال.
دەۋەتچى بولۇپ جاسارەت بىلەن،
ئۆتتىڭىز شۇنداق تىجارەت بىلەن،
كېچىلەر راھەت ئبادەت بىلەن،
سىز بىزگە سوئال، مۇئمىنە ئايال.
تالاي ‹مۇسۇلمان› ھىجاپسىز كېتەر،
سەبرىڭىز سىزنىڭ ئالەمگە يېتەر،
ئاللاھ ئالدىدا ھىساپتىن ئۆتەر،
سىزگە ئاشىق مەن، مۇئمىنە ئايال.
المخلص