595w
قاشقۇن
(Hi No. 3479865)
ئويغاتتۇق دەپ بەزىلەر چايانلارنى ئويغاتتى،بىلەلمىدۇق ئويغىنىش كىمگە بەكرەك ئەسقاتتى.
قەلىب ئاگاھ بولمىسا تەن ئويغانسا بىكاركەن،
بىر توپ نادان ئويغۇنۇپ بىر بىرىگە مۇش ئاتتى.
ئۇيغۇر ئۈچۈن ئسىلاھات ئىختىلاپتىن باشلاندى،
مەزھەبچىلىك يامرىدى دىن تارقىتش تاشلاندى.
ھەر دوقمۇشتا بىر سەركە سېنىڭ بىدئەت مېنىڭ راس،
كۇفرى قالدى بىر چەتتە دوسلار كۆزى ياشلاندى.
ھۆرپىيىدۇ سەركىلەر بىر-بىرىگە دالدىدا،
لېكىن بەكمۇ مۇلايىم بۆرىلەرنىڭ ئالدىدا.
مەزھەب ئارا گەپ بولسا مۇرەسسەسىز شەمشەر ئۇ،
غۇجام بۇيرۇق چۈشۈرسە ئىختىلاپقا ئەلۋىدا.
تونۇمىغاچ خەلقىمىز مۇدەررىسنى موللىنى،
ئىختىلاپچى مەدداھلار بولدى ئەلنىڭ چولپىنى.
ئاچ قالماقتا مائارىپ ئاق قالماقتا سەبىيلەر،
پۇشمان قىلساق پايدا يوق ئىختىلاپقا بىر كۈنى.
مەسچىتلەردە سورۇندا ئىتتىپاقلىق سۆزلىنەر،
ئىتتىپاقلاش مەن بىلەن دېگەن مەقسەت كۆزلىنەر.
مۇرەسسەگە پۇرسەت يوق مەنلا ئۇستاز سەن شاگىرت،
ھەركىم ئۆزى بىر داھى بۆلۈنمەككە يۈزلىنەر.
ئالىملارنى ھۆرمەتلەش بىلىۋالدۇق بىدئەتمىش.
چاي سۇنماقلىق پەگادىن پەيغەمبەردىن سۈننەتكەن.
كۈلۈپ كېتەي ئەقلىڭدىن ئىسلاھ قىلغان شەكلىڭدىن،
مۇقام چالسا ئىشەكلەر بۇلبۇللارغا ھەسرەتكەن.
مۇنداق ئىسىم قويمايمىش ئۇنداق سالام قىلمايمىش،
بېشى ئۈزۈك يىلاندەك ھەركىم ھەرخىل ئويلايمىش،
دۇئا، مەۋلۇد، نەزىردەك چوڭ ئىش يوقمىش ئالەمدە،
موللام بۇندىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلسە بولمايمىش.
تانسا ھاراق سورۇنى ھەر مەلىدە گۈللەندى،
ئەمما دىنىي سورۇنلار زىغىرلىنىپ يەكلەندى.
بىدئەت بولسا سۈننەتكە ئۆزگەرتىشكە دېتى يوق،
بۇزۇپ چېقىپ يوقات دەپ تەنتەكلەرچە چەكلەندى.
يۇلۇپ قېرى دەرەخنى تىكىپ قويدۇق قەلەمچە،
ئاتاپ بۇنى ئىسلاھات كۈلۈپ كەتتۇق ئالەمچە.
ئۈششۈك پەسلى بولغاچقا يېڭى كۆچەت ئاينىماس،
كونا دەرەخ تىرىلمەس ئاھ ئۇرساقمۇ ھەر قانچە.
ئىختىلاپقا بەزىدە سۈكۈت قىلغۇم كېلىدۇ،
بەزى سۆرەپ چىققاننى تازا ئۇرغۇم كېلىدۇ.
ئوت كەتكەندە سۇ مۇھىم يار كەتكەندە شىغىل تاش،
ئىختىلاپچى ئاخماقتىن شۇنداق سورغۇم كېلىدۇ
تەقسىر خۇتۇن بالامغا نېمىلەرنى ئۆگىتەي،
دىنسىزلاشتى تۇققانلار ئۇنى قانداق تۆگىتەي.
بىدئەتمىدى ئىناقلىق سۈننەتمىدى ئىختىلاپ،
ئىناقلىقتىن چوڭ ساۋاپ بولسا دېسلە چىمپۈتەي.
مەن ئاخىرى چۈشەندىم خەلقىم بەكمۇ نادانكەن،
قارا قورساق ناداندىن بىلىملىكى يامانكەن.
چىندىلىمدىن شۈكرى دىن ئاللاھنىڭ بولغاچقا،
نادانلارنىڭ قولىدا دىنىم يەنە ئامانكەن.

