552w
﹌М
(Hi No. 3685013)
ماشىنىڭىزنىڭ ئالدىدىكى ئورۇننى كىمغا ئىلىپ قويدىڭىز؟ بىركەسىپتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر ئەر كىشى بولۇپ،ئۇ توي قىلىپ بولغان،تۇرمۇشىمۇ ئىنتايىن بەخىتلىك ئىدى.پەۋقۇلەددە بىر پۇرسەت بىلەن،ئۇ بىر ئايال كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ.ئۇ ئايالمۇ ئىنتايىن چىرايلىق ھەم شۇنداق مۇنەۋۋەر ئىدى.نەچچە قىتىملىق كۆرۈشۈشتىن كېيىن،ئۇ ئايال ئۇ ئەرنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ-دە،ئايالى بولشىدىن قەتئىنەزەر،قوغلىشىشقا ۋە ئايالىنىڭ قولىدىن تارتىۋىلىشقا نىيەت قىلىدۇ.بىر كۈنى خىزمەت ئىشى بىلەن بىر يەردە ئۇچىرشىپ قالىدۇ،ئەر كىشى ئادەمگەرچىلىك يۈزسىدىن كۆپ ئويلىمايلا ئايالنى ماشىنىسىغا چىقىۋىلىشنى ئىيتىدۇ،ئۇ ئايال ئىنتايىن خۇشال ھالدا،ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشكىنى ئىچىشىغا،ئۇ ئەر:"كەينىدىكى ئورۇنغا چىقىڭ،كەينى بىخەتەررەك" دەيدۇ.ئۇ ئازراق نارازى بولغان ھالدا ماشىنىغا چىقىپ،نىمىشقا ئالدىدا ئولتۇرسا بولمايدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ ئەر كۈلۈپ تۇرۇپ:"ئالدىدىكى ئورۇن بولسا،مىنىڭ ئايالىمنىڭ مەخسۇس ئورنى،ئالدىغا ئۇنىڭ شەخسى نەرسىلىرى قويۇلغان،مەسىلەن،ساپما كەشى،ئۇنىڭ ئامراق يىمەكلىكلىرى قاتارلىقلار.بۇنىڭدىن باشقا ئورۇندۇق ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىياپەتتە تەڭشەگلىك" دېگەن. ئەزەلدىن بىر كىشىنىڭ ئايالى ئۈچۈن بىر ئورۇن ئىلىپ قويغۇنىنى كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئايال ئەرگە باشقىچە بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى بولىدۇ،ھەم كۆڭلىدە بىر ماشىنىدىكى ئورنىنىمۇ باشقىلارنىڭ ئىگىلىۋىلىشنى خالىمايدىغان ئەر قانداقسىگە باشقا بىر ئايالنىڭ ئايالىنىڭ ئۆيدىكى ئورنىنى باشقىلارنىڭ ئىگىلىشنى خالايدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ بولمىغۇر خىيالىدىن خىجىل بولغان ھالدا ۋاز كىچىدۇ. ئۇ ئايال ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ،ئۆزىگىمۇ بىر شۇنداق بىر ئاددى بەخت ئىزدىشنى نىشان قىلىدۇ، ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇننى ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس ئىلىپ قويۇش بىرئاددىغىنە ئىشتەك تۇيۇلسىمۇ،بۇ بىر ئايالنىڭ ئىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورۇننىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.بۇنى ئوقۇپ بولۇپ نىمىلەرنى چۈشەندىڭىز؟نىمىلەرنى ئويلاندىڭىز؟……..