616w
^*^sorry你不配
(Hi No. 3647966)
مەن چوڭ بولدۇم ،بۇرۇنقىدەك شوخلۇقلىرىم تۈگىدى ،چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ غېرىب سۈكۈتلىرى يۈرۈگۈمنى ئەزدىـمەن چوڭ بولدۇم ،بۇرۇن ئىرىشىشنىلا ئويلايتىم ،ھازىر يوقىتىشنىڭمۇ ھېكمەتتىن بۇلىدىغانلىقىغا چىن پۈتۈپ ئىشەندىمـ
مەن چوڭ بولدۇم ،بۇرۇنقى شەخسىيەتچىلىكلىرىم تۈگىدى ،ئەتراپىمدىكىلەرنى ئۆزەمدىن مۇھىم كۆردۈمـ
مەن چوڭ بولدۇم ،بۇرۇن ئېتىبارغا ئالمىغان نەرسىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشنى ئۆگەندىمـ
مەن چوڭ بولدۇم ،بەزى دوسلىرىم ئىزدىمىدى دەپ كايىشلىرىم تۈگىدى ،ئۇلار ئىزدىمىسىمۇ مەن ئەھۋال سوراپ تۇردۇم ،چۈنكى بۈگۈن با ئادەم ئەتە يوق ،بىر-بىرىمىزدىن ئاغرىنىش مەڭگۈ بىھاجەتـ
مەن چوڭ بولدۇم ،ئىلگىرى دۇنيا ئىشلىرى مېنى خىيالغا پاتۇرسا ،ھازىر مەڭگۈلۈك دۇنياغا بولغان تەييارلىقىمدىن ئەندىشە ئىچىدە يۈرۈيدىغان بولدۇمـ
مەن چوڭ بولدۇم ،بۇرۇن دوسلىرىم يېڭى كىيىم كەيسە كىيگۈم كىلەتتى ،ياخشى نەرسىلەرنى يىسە يىگۈم كىلەتتى ،ھازىر ئۆزەمدىن تۆۋەنلەرنى ئويلاپ قانائەت تاپىدىغان بولدۇمـ
مەن چوڭ بولدۇم ،بۇرۇن ۋاراڭ-چۇرۇڭ خالايتىم ،ھازىر جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆزەمنى تىڭشاشنى ياقتۇرۇپ قالدىمـ
مەن چوڭ بولدۇم ،بۇرۇن يالغۇزلۇقتىن قورقىتىم ،ھازىر ئويلايمەن‘’گۆرىمىزدىمۇ يالغۇز ياتىمىزغۇ‘’ـ
مەن چوڭ بولدۇم ،ھەقنى تېخىمۇ چۈشۈنۈپ ،يېشىمنىڭلا ئەمەس ،ئەقلىمنىڭمۇ چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن…
بەلكىم ئۆلۈمگە تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ،مۇددىتىم قاچان تۇشىدۇ بىلمەيمەن ،ئەمما اللەھ دىن ئىمانىمنىڭ ئىككى دۇنيا ھەمرا بۇلىشىنى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ مەندىن رازى بۇلىشىنى تىلەيمەنـ













