Avatar
577w
Parida (Hi No. 3540269)
چوشقىلار

ئاھ ۋەتەن زىمىنىڭدا يامراپ كەتتى چوشقلار،
تالان تاراج بۇلاڭ تالاڭ باشلاپ كەتتى چوشقىلار .
بىز يۈرىمىز بەزمىدە ھېچ نەرسىدىن بىخەۋەر ،
مۇناپىققا دەستەك بولۇپ يايراپ كەتتى چوشقىلار.


ئاپەت كەلسە بىشىمىزغا كۈلۈپ كەتتى چوشقىلار ،
يۈگەن سېلپ ئاغزىمىزدىن قوشقاقاتتى چوشقىلار.
زۇۋان سۈرمەس قىلىۋەتتى خەلقى ئالەم ئالدىدا ،
بىزنى يامان كۆرستىپ زەپەر قۇچتى چوشقىلار .

دۇتتارتەمبۇرچالغۇزۇپ مەشرەپ قۇردى چوشقىلار،
سامالارغا دەسسىتىپ پىخىلداشتى چوشقىلار.
ھىدايەتكە ماڭغاننىڭ يۈزلىرىگە قارسۈرتۈپ ،
تېرورىس دەپ چوقان سېلىپ قىرىۋەتتى چوشقىلار.

مېھماندوس دەپ ھەدېسەماختاپ بىزنى چوشقىلار،
داستىخانغا تىزغاننى ئېلپ ماڭدى چوشقىلار.
قالدۇق ئەمدى بۇيۇن قىسىپ تۆت تەرەپكە تەلمۈرۈپ،
ئاش يەۋاتقان قاچىمىزنى تارتىۋالدى چوشقىلار .

يۇرتۋازقىلىپ ھەممىمىزنى يۇرتنى ئالدى چوشقىلار،
تېغ تەڭلىتىپ بىربىرىمىزگە قاپقان قۇردى چوشقىلار.
ھەجەپ نادان مىللەتكەنمىز ھەممەگەپكە ئىشىنىپ.
ئۇسۇل ئويناپ ھارمىدۇق داپنى چالسا چوشقىلار
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms