544w
Parida
(Hi No. 3540269)
بىر يىگىت تاللا بازىردا مال ئېلىۋاتسا ¸ بىر موماي ئۇنىڭغا راسا تىكىلىپ قارىۋېتىپ دەپتۇ : ۋىيەي ¸ سەن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلۇمغا ھەجەپ ئوخشايدىكەنسەن بالام ¸ ئېغىر كۆرمىسەڭ ¸ مەن ماڭغاندا < خەيرى - خوش ئانا > دەپ قول پۇلاڭلىتىپ قويساڭكەن . يىگىت مومايغا ئىچ ئاغرىتىپ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دەپتۇ : خەيرى - خوش ¸ ئانا ! مومايمۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۈنلۈك توۋلاپتۇ : خوش ¸ بالام ! يىگىت سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ئىشىكتىن چىقىشىغا مۇلازىم ئالدىنى توسۇپ دەپتۇ : ئەپەندى ¸ ئاپىڭىز ئالغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىڭ .