552w
ئاينۇر♪
(Hi No. 3579550)
ھەممە خاپا مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە مەندىن خاپا، ھەممە خاپا دوسلىرىم ئىزدىمىدىڭ دەپ ،قېرىنداشلىرىم بولسا ئىرادىڭىز مۇستەھكەم ئەمەس دەپ خاپا. ياخشى كۆرگەنلىرىم مۇھەببىتىڭ ئازلىق قىلدى دەپ، دۈشمەنلىرىم بەك يايراپ كەتتىڭ دەپ.چاقچاق قىلسام كۆتىرەممىدىم دەپ، قىلمايلا قويسام ئېتبار بەرمىدىڭ دەپ تېخى خاپا...... ۋاي.... كۆڭۈللەر نېمە دېگەن نازۇك بولوپ كەتكەن .......... كىتاپلىرىم مېنى تاشلىۋەتتىڭ دەپ، تېلفۇنۇم بولسا مېنى بىردەم ئارامىمدا قويمىدىڭ دەپ، سۆيۈملۈك مېڭەم ئارام ئالساڭ بولاتتى دەپ، كۆزلىرىم ئەكسىچە بۇ دۇنياغا قانمىدىم، ھېچ كەزمىدىم دەپ تېخى خاپا...... نېمە دىگەن زىدىيەتلىك ھېسلار ھە.... پۇت قوللىرىم ھەركەت قىلمىدىڭ دەپ، شۇنچىكى يول يۈرسەم ۋاي چىدىمىدىم دەپ تېخى خاپا. تاماقلىرىمنى يېمەي قويسام ئاشقازىنىم ۋارقىراپ، كۆپ يەپ قويسام يېگەنگە تويغۇزدۇڭ دەپ ماي تارتىپ جارقىراپ.ئۇيقۇم مېنى ئىللىق پەپىلىمىدىڭ دەپ، بوش ۋاقىتلىرىم مېنى سۆيۈپ ئەركىلەتمىدىڭ دەپ تېخى خاپا .. ھەي ..ئىست بۇ مېنىڭ جېنىم ...... نەفسىم بۇ دۇنياغا تويمىدىم دەپ، ئىبادەتلىرىم ماڭا كۆڭۈل بەرمىدىڭ دەپ. ياشلىرىم قەدرىمنى بىلمىدىڭ دېسە، كۈلكەم سەندىن جاق تويدۇم دەپ تېخى خاپا ...... خويمۇ سىقىلدىم ھەممىسى ئامراقلىرىم، ھەممىسى يېقىنلىرىم ،ھەممىسى ئەزىزلىرىم ...لېكىن ھەممىسى ھەر كويدا، ھەر خىيالدا، ھەرخىل ھەۋەستە، ھەرخىل ئەندىشىدە ....ھەممىسى مەن ئۈچۈن تولا ئويلاپ، ھەممىسى مېنىڭ غېمىمدە ....... ھەرخىل خاپا، ھەممىسى خاپا، ھەممە خاپا ...... بۇ كۆڭۈللەرنى قاچانمۇ ئېلىپ بولارمەن دەپ، ئۆز ئۆزۈمگە ئەسلى خاپا ...................