551w
گۈلزەپەر
(Hi No. 3577372)
بۇ يىللاردا مەن................. قورقتۇم.چۈنكى يېشىم چوڭايغانسېرى ئەتراپىمدا مەندىن ئايرىلىدىغان يېقىنلىرىم كۆپىيىدىكەن، ھايات ھەر كىمگە ئوخشاش ئەمەسكەن! بۇ يىللاردا مەن................ چۈشەندىم. بۇ يىللاردا مەن ...............ئۆزگەردىم.كۆزۈم قىيغان ۋە قىيمىغان ھەرقانداق ئىشنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇشۇم كېرەككەن، بۇنىڭدىن باشقا چارىمۇ يوقكەن! بۇ يىللاردا مەن ...........سەگەكلەشتىم.ھەممە ئادەمگە ياخشى بولۇش كېرەك، لېكىن ماڭا ياخشى بولغانلارغا مەن تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەككەن ! بۇ يىللاردا مەن.................. بىلىپ يەتتىم.كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئىككى ئادەم ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت پەيدا بولۇشى ناتايىن، لېكىن چوقۇم كىشىنىڭ قەلبىنى بىلگىلى بولىدىكەن! بۇ يىللاردا مەن........ تونۇپ يەتتىم، بەزى ئىشلارغا جاھىللىق بىلەن ئاخىرىغىچە چىداشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقكەن! ئۇنىڭدىن كۆرە باشتىلا قويۇۋېتىش كېرەككەن! بۇ يىللاردا مەن................. چوڭ بولدۇم، كۆزۈمگە سىغمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆرمەسكە سالالايدىغان بولدۇم، چۈنكى باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىدىكەن! بۇ يىللاردا مەن.................تۇرمۇشتىن باشقىلارنى قەستلەيدىغان نىيەتنىڭ بولماسلىقىنى، ئەمما باشقىلارنىڭ قەستلىشىدىن ئاگاھ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەندىم! بۇ يىللاردا مەن......تۇرمۇشتىن قان قېرىنداشلىقتىن سىرت كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدىم! بۇ يىللاردا مەن............. تۇرمۇشتىن ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەمراھ بولمىغانلىقىنى چۈشەندىم! بۇ يىللاردا مەن............ تۇرمۇشتىن ھاياتىمىزدا ھەر ۋاقىت ئايرىلىشنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بەزى ئىشلارنى زورلاشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم ..... ...