551w
SaNaNe
(Hi No. 1408172)
يىگىتمۇ يىغلايدۇ...... يىگىت ئۆز ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئارىسىدا ئۆزىنى چۈشىنىدىغان ئادەملەردىن بىرەرنىمۇ تاپالمىغاندا يىغلايدۇ....... ئۇ كۆزى بىلەن ئەمەس يۈرىكى بىلەن يىغلايدۇ، ئۇ ئاشۇ ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغانلار ئارىسىدا ئۆزى بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىچىدە ئاچچىق كەچمىشلەرگە ھەمراھ بولۇپ ئۆز يۈرىكىنى بەزلەيدۇ..... يىگىت تەنھالىقتىن يىغلايدۇ........ ئۇ ئۆز يىنىدا ئادەم يوقلۇقى ياكى ئۆز سۆيگۈسىدىن ئايرىلغىنىغا ئەمەس، ئۆز ئەتراپىدىكى شۇنچە ئادەملەر ئىچىدىكى يەنىلا تەنھالىق، سىڭمەسلىك ۋە قەلبىدىكى ناتونۇشلۇققا يىغلايدۇ...... يىگىت ئۆز قەلبىدىكى قارشىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغاندا يىغلايدۇ، ئۇ ئۆزى ئويلغان ھەقىقەت ۋە تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە، ئورتاقلىشىشقا، پىكىرلىشىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۈنسىز سۈكۈت بىلەن ياشسىز يىغا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ...... يىگىت ئۆز قىرىنداشلىرىدىن مېھىرگە ئىرىشەلمىگەن، توغرىسى خاتا ھالدا مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، يۈرىكى زىمىستاندىكى شىۋىرغان كەبى ئازارغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا يىغلايدۇ..... يىگىت قارشىلىق كۆرسەتمىگىنىگە ئەمەس كۆرسىتەلمىگىنىگە، ناھەقچىلىققا كۆكرەك كىرىپ چىقالمىغىنىغا ئەمەس، ئۈستىدىن بىسىم تۇرغان زۇلمەت تېغىنى بىرگە ئاغدۇرۇشقا ئادەم تاپالمىغاندا يىغلايدۇ...... يىگىت ئۆز سۆيگۈسىدىن ۋاقىتسىز، سەۋەبسىز، مەجبۇرلارچە ئايرىلغاندا ياش تۆكىدۇ، ئۇ ئۆز قەلبىدىكى مەشۇقىنىڭ ئۆزىنىڭ مەقسەتسىز سۆيگۈسىن قوبۇل قىلمىغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى كەمسىتىلگەنلىكىدىن ياش تۆكىدۇ، ئۆز سۆيگۈسىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئەمەس، ئۆز قەلبىنىڭ دەپسەندە قىلىنغىنىغا يىغلايدۇ..... يىگىت بىرەر ئىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن ئەمەس بەلكى ئامال تاپالىغان تەقدىردىمۇ يەنە ياردەم قىلالمىغانلىقىدىن، مەجبۇرلانغانلىقتىن ئەمەس بەلكى ئالدانغانلىقتىن، بىسىمغا قارشى تۇرغانلىقىدىن ئەمەس، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىسىمغا ئۇچرىغانلىقىدىن يىغلايدۇ...... يىگىت دىگەن بۇ سۆز ناھايىتى ئاددى، ئەمما بۇنىڭدىكى مەنا شۇنچىلىك چوڭقۇر، شۇنچىلىك ۋەزنىلىك، شۇنچىلىك يىقىملىق، ئەمەلىيەتتە يىگىت دىگەن سۆز مەسئۇلىيەت دىمەكتۇر، يىگىت دىگەن سۆز ۋىجدان دەۋىتىدۇر، يىگىت دىگەن سۆز غۇرۇر دەرسىدۇر....... لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر شۇنى بىلمەيدۇكى ھەقىقى يىگىت ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس مىللەت ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس خەلقى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس ئائىلىسى ئۈچۈن جاپا چىكىدۇ......... ئەنە شۇنداق يۈكسەك مەسئۇلىيەت، قاتتىق تەلەپچانلىق، چوڭقۇر مېھىر مۇجەسسەملەنگەن «يىگىت»مۇ ياش تۆكىدۇ..... [大哭][大哭][大哭][大哭][流泪][流泪][流泪]