Avatar
617w
ئۇيغۇرجان (Hi No. 3666438)
ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېكمەتلىرىدىن



ئىنسان پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالى مۇقامىنى يارتىدۇ ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىنسان يەڭگىلىك ئىزدەيدۇ، لېكىن ئەنە شۇ ئىزدەشنىڭ ئۆزى يەڭگىلىكنىڭ ئېغىرلىقى.
ئىنسان ئۆزىنىڭ بىلىش چېكىنى ۋە بىلەلمەيدىغان ساھەلىرىنى ئىتراپ قىلغاندىلا خۇراپىلىقتىن قۇتۇلىدۇ.
ئىنساننىڭ ياشاش مۇھىتى ساپ، تازلىقى راۋان بولسا، ئۆزىنى دۇنياغا نىسبەتەن مىھماندەك ھېس قىلىدۇ.
ئېتىقادسىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ئۆگىنىش ئىنساننى مەھكۇملۇقققا دۇچار قىلىدۇ.
تەقۋا كەمبەغەل پاسىق بايدىن ئاجىز ئەمەس.
ھەرقانداق تەلىم –تەربىيە ئىنسان توغرىسىدىكى قەدەرىيەتتىن باشلىنىدۇ.
مۇۋاپىق شارائىتتا قاتتىق قول بولالمىغان ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىغا ماھىيەتلىك ھالدا مېھرىبان بولالمايدۇ.
ئىنساندىكى ئەڭ ياخشى گىرىم –خۇلق، مىجەز، روھ.
بىر مىللەتنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىنى ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بىلگىلى بولىدۇ.
ھۆكۈمراننىڭ زالىملىقى يەنىلا ئاۋامنىڭ قۇلچىلىقىدىن كەلگەن، قۇلچىلىق نادانلىق بىلەن قوشكېزەك.
ئىنسان ھەقىقەتنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قوپۇرۇلغان تەجىرىبىخانىنىڭ ئىگىسى.
بىز چۇقۇم ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشىمىز كىرەك.
دۇنيادىكى ھەقىقى ئىجاتكارلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بەخىتسىزلىك ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان.
مۇناسىپ غۇرۇر ۋە ئېتىقاد ئورۇن ئالمىغان ۋۇجۇتنى كاستۇم -بۇرۇلكا بىلەن گالاستۈك بىلەن ئاچالمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم.
روھىي توقچىلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي تەربىينىڭ مەھسۇلى.
ھەممە ئىش پۇرسەتكە باغلىق، پۇرسەت ئادالەتكە باغلىق.
ئۆزىنى ئىپادىلەش بىر خىل ھۆرلۈك.
ھەقىقەت شۇ – مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دوڭدىمۇ يول تاپىدۇ.
سېغىنىش- ئەسلىمىدىكى ھاياتنىڭ بەرق ئۇرۇشى.
تەنھالىق ۋە غېرىبلىق ئىنسانلارنى ھەقىقىي سۆيگەن بارلىق كىشىنىڭ ئورتاق تەقدىرى.
شان-شەرەپ تىرىك بىر ئىنساننىڭ باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىنىدىغان قەبرىسىگە ئايلىنىپ قالسا تولىمۇ پاجىئەلىك بولىدۇ.
نومۇس تۇيغۇسى ئۆلگەن كىشىلەرگە ھەقىقەتتىن گەپ ئېچىش، ئېشەككە مۇراببا بەرگەندەك بىر ئىش.
ھەسەت شان-شەرەپنىڭ يېنىدىكى تۆرەلمە.
بۆرە روھى دېگەنلىك ياۋشلىقنى نومۇس بىلىدىغان ئىسيانكار روھ.
جەڭگاھتا پارتلاۋاتقان نەرسە بومبا ئەمەس، ئىدىيە.
مەدەنىيەت ماددى ۋە مەنىۋى بولىدۇ، بۇلاردىن بىرى راۋاج تاپماي قالىدىكەن، مەدەنىيەت پالەچ نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
مەدەنىيەت مەجبۇرلاشتىن ئەمەس، ئادەمنىڭ ئىچىكى قايىللىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
سەن قەيەرگە بېرىشىڭدىن قەتئىنەزەر ئۆز مەدەنىيتىڭدىن ئۇچۇر روھ ۋە قىياپەتكە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك.
باشقا بىرى مەجبۇرلىمىسىمۇ، تەبئىي ئىجرا بولغان ئەخلاقنىڭ ئۆزى ھەقىقىي مەدەنىيەتتۇر.
شەھەر بىر مىللەتنىڭ روھى ھەيكىلى.
ھوقۇق ۋە قارشىلىق تارىخنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
يىگىتلەرنىڭ جاسارىتى ناپاك ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئاسان سۇنىدۇ. ئەرلىرى سۇنغان ئەلنىڭ ئاياللىرى بەرىبىر ئولجا.
پۇرسەت- ئىزدەش بىلەن يارتىشنىڭ بىرلكى.
ھەرقانداق بىر مەنىۋى ئىنقىلاپ ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزگىلەرگە بىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ.
تەپەككۇر ئىنكاس ۋە ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرى بىلەن بېيىپ بارىدۇ.
ئوقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن كۆيۈم، ئاندىن بىلىم بولۇشى كىرەك. چۈنىكى ئادەم تەربىيىلەشتە ئەڭ مۇھىمى كۆيۈم، ئىنسانىي مۇھەببەت.
كىتاب ئوقۇغاندا نۇپۇزغا ئېتىبار بېرىپ كېتىش ياكى مۇئەللىپنىڭ قەلىمىگە مەپتۇن بوپكېتىش تۈپەيلى پىكرىي ئادىشىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.
بىر ژورنال بىر ئۇنىۋېرىستېت، مۇھەررىر بولسا مۇدىر.
بۈگۈنكى دۇنيا ھەر بىر بۇسۇغىسىدا « سەن كىم؟ » دەپ سورىماقتا بىزدىن.
ئەقىدە بىرلىكى بولمىغان قانداشلىقتىن شۇمبۇيا ئۈنىدۈ.
كېچىكىش ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىچ بىسىدا تۇرۇپ ئوينىغان تەقدىر ئۇسۇلى.
پىكىرى ناجىنىسلار ئۆزىنىڭ ھېچنېمىسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
شور پېشانە خەلق تەنىچى بوپقالىدۇ.
كىملىك ماكان ۋە زامانغا قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەزمۇن قاتلىمىنى ئاشكارىلايدۇ.
مەنىۋىيەت ئالىملىرى بولمىغان خەلق ئەڭ ئاجىزدۇر.
كېلىچەك چەكسىز مۇمكىنلىكتۇر.
شائىر ھايات ھېكمەتلىرىنى تەبئەتتىن بايقايدىغان ئادەم.
يازغۇچى-ئىنكاسچى. سىياسىيون-تەدبىرچى.
بارلىق كىشىلەرنىڭ يۇرتى بىر، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىيەت.
بىز دۇنيانى چۈشىنىشكە مۇھتاج، دۇنيانىڭ بىزنى چۈشىنىشگىمۇ مۇھتاج.
تىلدىكى بۇلغىنىش مىللى ئىماندىكى بۇلغۇنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئانا تىلىڭ غۇرۇر، مۇھاببەت، ۋىجدان، ئەقىدىنىڭ تىلى، ئۇ يىلىك، مەرىپەت، ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ، باشقا تىللار گۇۋاھنامە، شاھادەتنامە، كاپالەتنامە، ھۇقۇقنامە تىللىرىدۇر.
ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ، قالغان تىللار كۆزەينەك، دۇربۇن، تېلېسكوپ، مىكروسكوپ...دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ، كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.
تىل-روھىي ۋەتەن، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك.
تىل مەجرۇھلۇقى دىل مەجرۇھلۇقىدىن نىشانىدۇر. ئۇنىڭدىن كەلگەن پىكىرىي كېكەچلىك بىزنى خار ۋە زەبۇنلۇقنىڭ قارا گىردابىغا ئاپىرىدۇ، نەتىجىدە بىز ئاھانەتلىك بىر ئەۋلاد سۈپىتىدە تارىخنىڭ لەنەتلىك سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىمىز.
ئۆز ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇش تۇزكورلۇقنىڭ جۇملىسىگە كىرىدۇ.
ۋاقىت ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ئوكسېگىنى، ۋاقىت ئەڭ زور مۈلكى ھۇقۇق.
پۇل تېپىشتىكى غايە ۋە مەقسەتنى توغرا ھەل قلالمىغان ئادەم مەڭگۈلۈك نامراتلىققا مىخلانغان بولىدۇ.
ئۆزى يىقىلغان ئادەمدە قوپۇش ئەركىنلىكى بولغاچقا، مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ.
روھى كۈچنى تېپىشقا ئۇرۇنۇش دەل ھاياتنىڭ مەنىسنى ئىزدەشتىن ئىبارەت.
ھالال نازۇكلۇق تەڭداشىسز قۇدرەتتىن ئىبارەت.
ھايات بىر يېقىلغۇ، سەن ئۇنىڭ يۇرۇقىدا دۇنيانى كۆرىسەن، روھىڭنى يۇيىسەن.
ئېسىل سۈپەت بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئېسل روھ ئىگىسى بولۇشتۇر.
ئۆزىنىڭ پانىي ھاياتنىڭ چېكى ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئويلىنىپ باقمىغان ئادەملەرنى جاھالەت بەندىسى دېيىش كېرەك.
ھاياتنىڭ قۇدىرىتى ئەڭ مۇشكۈل، ئەڭ چۈشكۈن شارائىتتا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىملارنىڭ نادانلىقى مەدەنىي قاتىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سۆزلەشمۇ بىر خىل ھوقۇق، لېكىن ئويلىنىشمۇ كاتتا ھوقۇق.
نومۇسنى بىلمەسلىك قورقۇنچلۇق، لېكىن نومۇسنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، نومۇس قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق تېخىمۇ قورقۇنچلۇق.
ئادەم ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ، ئەمما ئۆزىنى يېڭەلمەيدۇ.
بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىكى.
ھەرقانچە ياۋۇز ئىتمۇ شەھەرگە كىرسە لالمىلىشىپ كېتىدۇ.
تۇرمۇشتىكى گەپلەر ھامان كىتابىي گەپلەردىن گۈزەل بولىدۇ.
ئۆزىڭىزنى تاپمىغىچە يۈزىڭىزنى تاپالمايسز.
ئۆزىنىڭ ھايات يولىنى تاللىيالىغان ئادەم كىتابمۇ تاللىيالايدۇ
ئىشىكلەرنىڭ ئۆزى خالىغاندا ئىچىدىن ئېچىلغىنى ئەۋزەل.
مەنبە: ئابدۇقادىر جالالىدىن كىتابلىرى
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Copyright © 2014-2026 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms