552w
✎﹏ Уαℓทïζzζ.....
(Hi No. 3508510)
" دۇنيادا ھەممىدىن قارىم بولماق تەسقائىدە بىلەن ئىلىپبەنى بىلمىسەم تېخى،
تەجۋىت دېگەن كىتاپنى كۆرمىسەم تېخى.
قىرائەت ئۈچۈن مەشىقنى قىلمىسام تېخى،
بۇ جاھاندا ھەممىدىن قارىم بولماق تەس.
قۇرئان دىگەن ئوتتۇز پارە بىر يىل ئۆتىدۇ
تەكرار دىگەن ئاسان ئەمەس بىر ياز كىتىدۇ.
زىرە زىۋەر پىش ساكىنغا كاللا قاتىدۇ،
بۇ جاھاندا ھەممىدىن قارىم بولماق تەس.
يارىمايدۇ ئۇستازغا ئۆگەنگەنلىرىم،
كېچىلىرى ئۇخلىماي يادلىغانلىرىم.
غەلەتلەرنىڭ ئاستىغا جىجىغانلىرىم
بۇ جاھاندا ھەممىدىن قارىم بولماق تەس.
كەچۇرۋېتىڭ بىزلەرنى ئۇستاز قارىملار
تۈز ئوقىماي قاقشاتقان بولساق ئالىملار.
بىز شۇنداق شوخ، لېكىن ياخشى تالىپلار
بۇ جاھاندا ھەممىدىن قارىم بولماق تەس.
ئوقۇيمىز ئەمدى بېلىمىزنى مەھكەم باغلاپ،
ئاتا-ئانا،ئۇستازلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ.
ناچار،يامان ئىللەتلەرنى مەڭگۇلۇك تاشلاپ،
بۇ جاھاندا ھەممىدىن قارىم بولماق تەس.
گاھى تۇرك قارىملارنى كۆزگە ئىلمايدۇ،
قارىملارنىڭ جاپاسىنى ئۇلار ئۇقمايدۇ
كېچەلىرى بىز تۈنەيمىز، ئۇلار ئۇخلايدۇ،
بۇ جاھاندا ھەممىدىن قارىم بولماق تەس
بۇيرىدى رەببىم ئوقۇ بەندەم دەپ،
ئوقۇدۇق بىز ئاللاھ رازى بولسۇن دەپ.
قاپلىسىمۇ گەر زۇلمەت، يانمايمىز تائەبەت،
بۇجاھاندا ھەممىدىن قارىم بولماق تەس.
ئى ئاللاھ، ئاتا قىل بىزلەرگە نۇسرەت،
ئاخىرەتتە قىلغاي پەيغەمبىرمىز شاپائەت.
نېسىپ قىلغىن بىزلەرگە بەخىت-سائادەت،
ئاخىرەتتە بولسۇن ئورنىمىز جەننەت.
ئى ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا بەرگىن ھىدايەت،
قالدۇرمىسۇن لەنىتى-شەيتان بىزلەرگە زالالەت.
راھمانسەن،رەھىمسەن، بىزنى قىلغىن مەغفىرەت،
ئى ئاللاھ تېلەكلىرىمىزنى قىلغىن ئىجابەت. آمين
فخرالدين ....