552w
uyghur biz
(Hi No. 3129032)
ئەزىز قېرىندىشىم ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئوقۇپ ئەمەل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. بارلىق مەدھىيە ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ رەھمىتى ۋە سالامى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى شۇنداقلا بارلىق ساھابە كىراملارغا بولسۇن. ئاللاھ بەقەر سۈرىسىنىڭ 186- ئايىتىدە« بەندىلىرىم سەندىن مەن توغۇرلۇق سورىسا دىگىنكى مەن ئۇلارغا يېقىن، دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن» دىگەن. يەنە غاپىر سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدە«ماڭا دۇئا قىلىڭلار ئىجابەت قىلىمەن» دىگەن. دىمەك قېرىنداشلار بىزلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى پەقەت ۋە پەقتلا ئۇلۇغ رەببىمىز ھەل قىلىدۇ. بىزلەر پالانى ياردەم قىلامدىكىن ئۇ ياردەم قىلارمۇ بۇ ياردەم قىلارمۇ دەپ ئولتۇرساق خاتالاشقان بولىمىز. ھەممىمىز ھازىرقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەلگەن بولۇپمۇ ئايال مۇسۇلمانلارغا كېلىۋاتقان ئىزىلىش ۋە زۇلۇمدىن ھەممىمىز قاخشاۋاتىمىز. ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى ئېغىر يارلاندى. زەخمىلەندى. مىنىڭچە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر ھازىرقى ۋەزىيەتتىن يىغلىماي تۇرمايدۇ دەپ ئويلايمەن. قانداق قىلىش كىرەك؟ توردا. ئۈندىداردا. ئۇندىن باشقا ھەر قانداق سورۇنلاردا بىر ئىككى ئېغىزدىن قاخشاپ. ھېلى مەسئۇلىيەتنى ئۇنىڭغا ئارتىپ ھېلى بۇنىڭغا ئارتىپ يەنە شۇ تۇرمۇش ئاۋارىچىلىقى بىلەن يۈرىۋىرىشمۇ؟ مىنىڭ ھەر بىر ئۆزىنى ھەم مۇسۇلمان دەپ داۋا قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمدىن ئۆتىنىدىغىنىم. بىزنىڭ ھالىمىزغا پەقەت بىر ياراتقۇچى ھەر بىر قەلىپ ئىگىسىنىڭ قەلبىنى باشقۇرغۇچى بولغان تەڭداشسىز كۈچ قۇۋۋەت ئىگىسى بولغان زاتلا يىتىدۇ. قېرىنداشلا بىز ئىسلام ئۈچۈن مۇسلىمە قىز ئاياللىرىمزى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بىرەلمىسەكمۇ. ھېچ بولمىغاندا ھەر كۈنى ئەتتىگەن بىر سائەت ئۇيقۇمىزدىن كىچىپ ئىككى رەكئەت خالىس نەپلە ناماز ئوقۇپ. سەجىدىگە باش قويۇپ. يالۋۇرغان. ئىشەنچ قىلغان ھالەتتە، ئەي مىھرىبان ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارغا نىمە كۈلپەتلەنىڭ كىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن ، بىزلەرنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن مۇسىبەتنى كۆتۈرۈش ساڭا بىر تۈكنى يۆتكىگەندىنمۇ ئاسان دېگەنگە ئوخشاش ئۆزىمىز بىلگەن دۇئالارنى قىلىپ رەببىمىزگە يالۋۇرساق، رەببىمىز بىزلەرگە كەلگەن مۇشۇ مۇسىبەتنى ئەلۋەتتە كۆتۈرۋېتىشقا قادىر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېلىھەم ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ داۋا قىلىدىغان مەندىن باشلاپ ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان. ھەر كىچە بىر سائەت ئۇيقۇدىن كەچسەك. ئۇلۇغ رەببىمىز دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىپ بىزلەرنىڭ ئىشلىرىمزىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس. ئۇ يازمىنى ئوقۇپلا قويماي ھەر بىر مۇسۇلمان ھەر كىچە مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئۈچۈن. دىنىمىز ئۈچۈن. قانۇنىمىز ئۈچۈن. ھەمشىرىلىرىمىز ئۈچۈن بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتايلى!!! بۇ ئۇچۈرنى قولىمىزدىن كىلىشىچە تارقىتايلى!